نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈش ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس

ilkan_3 2026-04-07 15:34:57

\

نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈش ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس
خەلقئارا خام نېفىت بازىرىنىڭ داۋالغۇشى كۆرۈنەرلىك كۈچەيگەن، سەيشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرى مەزگىلىدە، WTI خام نېفىت باھاسى 113 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىغا ئۆرلەپ، باسقۇچ خاراكتېرلىك يۇقىرى نۇقتىنى يېڭىلىغان. بۇ يۈزلىنىشنىڭ يادرولۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى جۇغراپىيلىك ۋەزىيەتنىڭ يەنە بىر قېتىم جىددىيلىشىشىدىن، بولۇپمۇ ھورمۇز بوغۇزىدا قاتناش مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ئېنىقسىزلىقنىڭ داۋاملىق كۈچىيىشىدىن كەلگەن. بۇ دېڭىز بوغۇزى يەر شارىدىكى ئەڭ ھالقىلىق ئېنېرگىيە تىرانسپورت يوللىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن يەر شارىدىكى تەخمىنەن %20 دېڭىز تىرانسپورتى خام نېفىت تىرانسپورتىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭ قاتنىشىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى بازارنىڭ تەمىنلەشنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىغا بولغان ئەندىشىسىنى كۈچەيتىۋەتكەن.
ئومۇملاشتۇرغاندا ، نۆۋەتتە نېفىت بازىرى « جۇغراپىيەلىك خەۋپ-خەتەر يېتەكچى + ئاساسىي تەرەپ مارگىنال تەسىرى » باسقۇچىدا تۇرماقتا. جۇغراپىيلىك ۋەزىيەتنىڭ ئېنىقسىزلىقى يەنىلا نېفىت باھاسىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىغان يادرولۇق ئۆزگەرگۈچى مىقدار بولۇپ، تەمىنلەش تەرەپتە گەرچە مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش مۆلچەرى بولسىمۇ، لېكىن قىسقا مۇددەت ئىچىدە تىرانسپورتنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشى ئېلىپ كەلگەن زەربىنى پۈتۈنلەي پەسەيتىش تەس. تېخنىكا جەھەتتە، نېفىت باھاسى ھالقىلىق توسالغۇ رايونىغا يېقىنلاشقان، ئىلگىرىكى يۇقىرى سەۋىيەنى بۆسۈپ ئۆتۈشتىن بۇرۇن، چوڭ دەرىجىدىكى ئۆسۈش ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس. كەلگۈسىدە جۇغراپىيەلىك ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئامبار زاپىسى سانلىق مەلۇماتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلۈشكە توغرا كېلىدىكەن، نېفىت باھاسى يۇقىرى، كەڭ دائىرىلىك داۋالغۇش ۋەزىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، خەۋپ-خەتەر بىلەن پۇرسەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان مۇھىتتا ھەرىكەت قىلماقتا.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.