نېفىت باھاسى يەنە قانچىلىك ئۆرلەيدۇ ؟

ilkan_3 2026-04-06 16:07:48

\

دۇنيا ئېنېرگىيە بازىرى يۈكسەك جىددىيلىشىۋاتقان ئەھۋالدا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۇلتىماتۇمى ھالقىلىق تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىرگەن. ترامپ ئىراندىن سەيشەنبە كۈنى (ئامېرىكا شەرقىي ۋاقتى كەچ سائەت 8) دىن بۇرۇن خورمۇز بوغۇزىنى ئېچىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان، بولمىسا ئىراننىڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋە كۆۋرۈكلىرىگە قاتتىق تەدبىر قوللىندىكەن. بۇ قاتتىق پوزىتسىيە نېفىت باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆسۈشىنى بىۋاسىتە ئىلگىرى سۈرگەن، دۈشەنبە كۈنى (4-ئاينىڭ 6-كۈنى) ئاسىيا بازىرىدا ئامېرىكا خام نېفىتىنىڭ باھاسى بىر مەھەل %3 تىن 115.48 ئامېرىكا دوللىرىغىچە ئۆرلىگەن، ئارقىدىن قىسقا مۇددەتلىك كۆپ تەرەپنىڭ پايدىسى ئاخىرلاشقان، ھازىر ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 113 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈپ قالغان. نۆۋەتتە جۇغراپىيەلىك خەۋپ-خەتەر بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى گىرەلىشىپ، نېفىت بازىرىنىڭ ئاساسىي ۋەزىيىتىنى قايتىدىن شەكىللەندۈرمەكتە؛
نۆۋەتتىكى مۇھىتتا، نېفىت سودىسىدا خېيىم-خەتەرنى قاتتىق كونترول قىلىش يادرو قىلىنىدىكەن. تۆۋەندىكى بىر قانچە ئاچقۇچلۇق نۇقتىغا دىققەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز: بىرىنچى، سەيشەنبە كۈنىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مۆھلەتتىن كېيىنكى ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ پوزىتسىيەسى ۋە ئەمەلىي توقۇنۇش ئەھۋالى توغىرسىدىكى خەۋەرلەرگە كېرەك، ئەگەر توقۇنۇش كەسكىنلەشسە، نېفىت باھاسىنىڭ يەنىلا ئۆرلەش بوشلۇقى بولدۇ؛ ئىككىنچى ، OPEC+ نىڭ كېيىنكى يىغىنى ۋە مەھسۇلاتنى ئەمەلىي ئاشۇرۇشنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى، شۇنداقلا يەر شارى ئامبار زاپىسىنىڭ ئۆزگىرىش سانلىق مەلۇماتىنى كۆزىتىش؛ ئۈچىنچى، تېخنىكا كۆرسەتكۈچىگە بىرلەشتۈرۈپ، يۇقىرى رايونلاردا مۇۋاپىق بولغان زىياننى توختىتىش ۋە پايدا ئېلىشنى توختىتىش سەۋىيەسىنى تەسىس قىلىپ ، بىر يۆنىلىشتە زىيادە كۆپ مال ئىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ھورمۇز بوغۇزى كىرىزىسى ترامپنىڭ قاتتىق قوللۇق سىياسىتىگە قوشۇلۇپ، نېفىت بازىرىنى خەتىرى يۇقىرى، پايدىسى يۇقىرى باسقۇچقا كىرگۈزگەن. قىسقا مۇددەت ئىچىدە تەمىنلەش قىس بولۇش باھا يۈزلىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىكەن، لېكىن ھەرقانداق پەسىيىش سىگنالى تېز سۈرئەتتە تۈزىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، بۇ قېتىمقى جۇغراپىيلىك ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى يەر شارى ئېنېرگىيە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى سىناپلا قالماي، نېفىت بازىرىغا قاتناشقۇچىلارغا مىسلى كۆرۈلمىگەن خىرىس ۋە پۇرسەت ئېلىپ كەلگەن. نېفىت باھاسىنىڭ يۈزلىنىشى يەنىلا ئېنىقسىزلىققا تولغان، ئاقىلانە تاقابىل تۇرغاندىلا بازار دولقۇنىنى ئىگىلىگىلى بولىدىكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.