سەككىز ئەزا دۆلەت يەكشەنبە كۈنى يىغىن ئاچدىكەن

ilkan_3 2026-04-03 17:46:12

\

ئىككى نەپەر OPEC+ ئەمەلدارىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، سەككىز ئەزا دۆلەت يەكشەنبە كۈنى (5-ئاپرېل) يىغىن ئاچقاندا ، OPEC + نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشنى ئويلىشىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ ئاساسلىق نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنى خورمۇز بوغۇزى قايتىدىن ئېچىۋېتىلگەن ھامان مەھسۇلاتنى دەرھال ئاشۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. ھازىر بۇ دېڭىز بوغۇزى ئىككى دۆلەت توقۇنۇشى سەۋەبىدىن تاقالغان بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم نېفىت توشۇش يولى ھېسابلىنىدىكەن.
ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە نۆۋەتتە دېڭىز بوغۇزىدا قايتا قاتناش باشلاش ئالامەتلىرى بولمىسىمۇ، لېكىن OPEC+ مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇشقا قوشۇلۇشى مۇمكىن، بۇ ھەرىكەت گەرچە نۆۋەتتىكى تەمىنلەشكە دەرھال تەسىر كۆرسەتمىسىمۇ، لېكىن ماي پاراخوتى دېڭىز بوغۇزى ئارقىلىق توشۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرسە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا تەييارلىنىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن.
بىر ئايدىن كېيىن، بۇ توقۇنۇش تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر نېفىت بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
OPEC+ غا ئەزا سەككىز دۆلەت يەكشەنبە كۈنى يىغىن ئېچىپ، خورمۇز بوغۇزى قايتا ئېچىلغاندا تېز ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشنى ئويلىشىشى مۇمكىن.
سەئۇدى قاتارلىق يادرولۇق نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر دېڭىز بوغۇزىنىڭ قامال قىلىنىشى سەۋەبىدىن مەھسۇلات مىقدارىنى ئازايتىپ، نېفىت باھاسى يۇقىرى نۇقتىدا تەۋرەنگەن. OPEC+ نىڭ مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش ئىقتىدارى چەكلىمىگە ئۇچرىسا، ئەمەلىي تەمىنلەشنىڭ ئېشىشى يەنىلا دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تايىنىدىكەن، كەلگۈسىدىكى نېفىت باھاسىنىڭ يۈزلىنىشى توقۇنۇشنىڭ ئىلگىرىلىشى ۋە بازارنىڭ تەمىنلەشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۆلچەرىگە باغلىق بولىدىكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.