خەلقئارا نېفىت باھاسى راسىتنلا تۆۋەنلەۋاتامدۇ؟

ilkan_5 2026-04-02 18:27:45

\


سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بىرېنت خام نېفىتىنىڭ قەرەللىك مال باھاسى نۆۋەتتە ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 99.5 دوللار ئەتراپىدا ئىككىلىنىش ھالىتىدە تۇرغان بولۇپ، WTI خام نېفىتىنىڭ ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى تەخمىنەن 88.8 دوللار بولۇپ، توقۇنۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى يۇقىرى نۇقتىدىن 10 كە يېقىن تۆۋەنلىگەن، لېكىن جۇغراپىيەلىك ئېنىقسىزلىق يەنىلا باھانى يۇقىرى پەللىدە داۋالغۇتۇش ھالىتىنى ساقلىغان. فىنكنىڭ ھۆكۈمى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى ۋە ئېنېرگىيە تەننەرخىنىڭ يەتكۈزۈلۈشىگە بولغان ئۇزاق مۇددەتلىك باھالاشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، يۇقىرى نېفىت باھاسىنىڭ «ئىنتايىن چارچاپ چېكىنگەن باج»سۈپىتىدە ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرگە بولغان زەربىسىنىڭ تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن،پۇل پاخاللىقى، ئىستېمالنىڭ تارىيىشى ۋە كارخانا تەننەرخىنىڭ ئۆرلىشى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىنى زورايتىۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
كۆرۈنۈش تەھلىلىدىن قارىغاندا، فىنك سىزىپ چىققان ئىككى خىل چېكىدىن ئاشقان يول بازار خەۋپ-خەتىرى چېگراسىنى ئېنىق ئايرىغان. توقۇنۇش ئەگەر تېز سۈرئەتتە پەسەيتىلسە ھەم خەلقئارا ئېنېرگىيە بازىرىغا قايتىپ كېلىشىگە تۈرتكە بولسا، يەر شارىۋى تەمىنلەش كۆرۈنەرلىك ئاشىدىكەن، نېفىت باھاسىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى تۆۋەن ئورۇنغا، ھەتتا تېخىمۇ تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن؛ ئەكسىچە، ئەگەر توقۇنۇشنىڭ ئۇزاققا سوزۇلۇشى تەمىنلەشنىڭ سىجىل جىددىيلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، يۇقىرى نېفىت باھاسى ئۇزاققا سوزۇلۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىستېمىلىق ئىقتىسادىي خەۋپ-خەتەرگە ئۆزگىرىدىكەن.



سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.