نېفىت باھاسى يەنە بىر قېتىم ئۆرلىدى

ilkan_3 2026-03-16 17:25:21

\

ھەپتە ئاخىرىدا جۇغراپىيلىك ۋەزىيەت كۆرۈنەرلىك كەسكىنلىشىپ، دۇنيا ئېنىرگىيە بازىرىنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىغان. ئامېرىكا ئىراننىڭ ھالقىلىق نېفىت ئېكىسپورت ئەسلىھەلىرىگە زەربە بېرىپ، نېفىت بىلەن تەمىنلەش خەتىرىنى تېز ئاشۇرغان، خەلقئارا نېفىت باھاسى ھەپتە بېشىدا زور دەرىجىدە ئۆرلىگەن. WTI خام نېفىت باھاسى دەسلەپتە تەخمىنەن %3 ئۆرلەپ، ئارقىدىن يەنە تۆۋەنلىگەن، نۆۋەتتە ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 98 ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىنلىشىپ، بازار يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان 100 ئامېرىكا دوللىرىلىق پىسخىكا ئۆتكىلىگە يەنە بىر قېتىم يېقىنلاشقان.
ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، نېفىت باھاسى 91 دوللاردىن يۇقىرى بولسىلا، بازار يەنە 100 دوللارلىق ئۆتكەلگە جەڭ ئېلان قىلىشى مۇمكىن. ئەگەر بۇ ھالقىلىق سەۋىيەدە بۆسۈش ھاسىل قىلىنسا، نېفىت باھاسى كەلگۈسىدە 120 دوللار ئەتراپىدىكى تارىختىكى يۇقىرى نۇقتىغا يېتىشى مۇمكىن.
نۆۋەتتە خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشىدىكى يادرولۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئامىل ئېھتىياجنىڭ ئېشىشى بولماستىن، بەلكى جۇغراپىيەلىك خېيىم-خەتەرنىڭ ئۆرلىگەن باھاسىنىڭ قايتىدىن بازارغا قايتىپ كېلىشى. جۇغراپىيلىك ۋەزىيەتنىىڭ كەسكىنلىشىشى يەر شارىنى ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئېنىقسىزلىقىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرغان، ھالقىلىق سۇ يولىنىڭ ترانسپورت بىخەتەرلىكى بازار كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان.
قىسقا مەزگىلدىن قارىغاندا، 100 دوللارلىق ئۆتكەل نېفىت باھاسىدىكى ئۆسۈشكە ھەم چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان مۇھىم ئورۇن بولۇپ قالىدىكەن. ئەگەر جۇغراپىيەلىك خەۋپ-خەتەر داۋاملاشسا، نېفىت باھاسىنىڭ بۇ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈش ئېھتىماللىقى كۆرۈنەرلىك ئۆرلەيدىكەن ھەمدە يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا 110 ئامېرىكا دوللىرى ھەتتا 120 ئامېرىكا دوللىرىلىق رايونغا قاراپ ھەرىكەت قىلىشى مۇمكىن. ئەمما ۋەزىيەتتە پەسىيىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، بازاردىمۇ باسقۇچ خاراكتېرلىك ئەسلىگە كېلىش كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، نۆۋەتتە نېفىت بازىرى يۇقىرى داۋالغۇش باسقۇچىغا كىرگەن، مەبلەغ سالغۇچىلار جۇغراپىيەلىك خەۋپ-خەتەرنىڭ ئۆزگىرىشى، يەر شارى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش ئەھۋالى ۋە ماكرولۇق ئىقتىسادىي مۇھىتنىڭ ئېھتىياجغا بولغان تەسىرىگە بىرلا ۋاقىتتا دىققەت قىلىشى كېرەك.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.