نېفىت باھاسىىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك داۋالغۇشى چوڭ بولىشى مۇمكىن

ilkan_5 2026-03-03 17:31:43

\

ھورمۇز بوغۇزىدا قاتناش خەتىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، دۇنيا نېفىت بازىرى يۈكسەك سەزگۈر باسقۇچقا كىرگەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بازار يەنىلا 2026-يىلىدىكى يوشۇرۇن تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن يېقىنقى مەزگىلدىكى باھا ئىپادىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قىسقا مۇددەتلىك باھا بېكىتىش ھوقۇقى جۇغراپىيەلىك ئامىلغا كۆرۈنەرلىك مايىللاشقان.

دۈشەنبە كۈنى، برېنت خام نېفىت باھاسى زور دەرىجىدە ئۆرلەپ، 80 ئامېرىكا دوللىرىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەن، ئارقىدىن يەنە تۆۋەنلىگەن، بازار تېخىمۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەمىنلەش قالايمىقانچىلىقى ئۈچۈن باھا ھېسابلاشقا باشلىغان. سەيشەنبە ئاسىيا بازىرىدا ئامېرىكا خام نېفىت باھاسى ئازراق ئۆرلەپ، 71.50 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا تەۋرەنگەن. گەرچە تۈنۈگۈنكى يۇقىرى نۇقتىدىن بۆسۈپ ئۆتەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن قىسقا مۇددەتلىك ئۆسۈش كەيپىيات يەنىلا يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.
نۆۋەتتە نېفىت بازىرىنىڭ يادرولۇق ئۆزگەرگۈچى مىقدارى «تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنىڭ پەرق سوممىسى» دىن «تىرانسپورت بىخەتەرلىكىنىڭ ئۆرلىگەن باھاسى» غا ئۆزگەرگەن.
خورمۇز بوغۇزى يەر شارىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىغا يېقىن ئېنېرگىيە ئېقىم مىقدارىنى ئېلىپ يۈرگەن بولۇپ، تىپىك سىستېمىلىق تۈگۈن ھېسابلىنىدىكەن. ناۋادا بۇ نۇقتىدا داۋاملىق ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت بولسا، نېفىت باھاسى تەبىئىي ئۆرلەيدىكەن.
قىسقا مەزگىلدىن قارىغاندا، ئامېرىكا خام نېفىت باھاسى 70 ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى يېڭى ئايلىنىش دائىرىسىگە ئايلىنىشى مۇمكىن؛ ئوتتۇرا مەزگىلدە ئەگەر ۋەزىيەت داۋاملاشسا، WTI دا 80 ئامېرىكا دوللىرى ھەتتا تېخىمۇ يۇقىرى ئارىلىققا قاراپ سىناق قىلىش مۇمكىنچىلىكى مەۋجۇت؛ چېكىدىن ئاشقان ئەھۋال ئاستىدا، برېنت خام نېفىت باھاسى 120 ئامېرىكا دوللىرىغا تېگىشى مۇمكىن.
نېفىت بازىرى داۋالغۇش يۇقىرى باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ، سودا لوگىكىسى ئىلگىرىكىگە روشەن ئوخشىمايدىكەن.
شۇڭا كەلگۈسىدىكى باھا يۈزلىنىشى ئەنئەنىۋى ئامباردا ساقلاش سانلىق مەلۇماتى ئەمەس، بەلكى دېڭىز بوغۇزىنىڭ قاتناش ھالىتىگە تېخىمۇ كۆپ باغلىق بولىدىكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.