نېفىت باھاسى قىسىقا مۇدەەت ئىچىدە ئۆسۈش يۈزلىنىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ilkan_5 2026-02-24 18:42:20

\

سەيشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرى ۋاقتىدا، خەلقئارا نېفىت باھاسى باسقۇچلۇق يۇقىرى نۇقتا ئەتراپىدا داۋالغۇپ تەرتىپكە سېلىنغان بولۇپ. خام نېفىت ئاساسەن تەڭلىشىپ، ھەر تۇڭىنىڭ 66 دوللار ئەتراپىدا مۇقىملاشقان. ئالدىنقى بىر ھەپتىدە نېفىت باھاسى جەمئىي% 6 كە يېقىن ئۆرلىگەن بولۇپ، بۇ ئاساسلىقى جۇغراپيىلىك ۋەزىيىتىنىڭ جانلىنىشىدىن بولغان.
كۈنلۈك سىزىقتىن قارىغاندا،نېفىت باھاسى ئىلگىرىكى تۆۋەن نۇقتىدىن مۇقىم ئۆرلىگەن ھەم 66 دوللارنىڭ ئۈستىدە باسقۇچلۇق يۇقىرى سۇپا شەكىللەندۈرگەن. باھا نۆۋەتتە ئوتتۇرا مەزگىللىك ئۆرلەش يولى ئىچىدە يۈرۈشۈۋاتقان بولۇپ، ئومۇمىي يۈزلىنىش يەنىلا ئۆسۈش ئەندىزىسىنى ساقلىماقتا.
ئوتتۇرىچە سىزىق جەھەتتىن قارىغاندا، قىسقا مۇددەتلىك ئوتتۇرىچە سىزىقتا ئۆسۈشكە مايىل بولۇش ھالىتى كۆرۈلۈپ،ئوتتۇرىچە سىزىق تەدرىجىي ئۆرلەپ، يۈزلىنىش قۇرۇلمىسىنىڭ بىرقەدەر ساغلام ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ بەرگەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى شەكىللەنگەن «ئالتۇن كېسىشىش»بازارنى داۋاملىق يۈزلىنىش تىرىكى بىلەن تەمىنلىگەن
بىراق، ئىختىيارىي كۆرسەتكۈچ زىيادە سېتىۋېلىش رايونىغا كىرىپ، قىسقا مۇددەتلىك سېتىۋېلىش ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ سەل كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، لېكىن تۈزىتىش ئېھتىياجنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
ئەگەر باھا 67 دوللاردىن يۇقىرى توسالغۇ ئارىلىقىدىن ئۈنۈملۈك بۆسۈپ ئۆتەلمىسە، قىسقا مۇددەت ئىچىدە تېخنىكىلىق تۆۋەنلەش كۆرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.