نېفىت باھاسى يەنە بىر قېتىملىق بېسىمغا دۇچ كەلدى

ilkan_5 2026-02-06 18:39:41

\






خام نېفىت بازىرى ئۇدا ئۆرلەشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئۈچ كۈندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق چۈشۈشنى كۈتۈۋالغان. جۈمە كۈنى ئاسىيا بازىرى ۋاقتىدا، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسىى 62.77 دوللار ئەتراپىدا بولغان.ئىككى دۆلەتنىڭ سۆھبەتنى قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، خام نېفىت بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەندىشە قىلىشى كۆرۈنەرلىك پەسەيگەن، بازار تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاچقۇچلۇق جۇغراپىيەلىك خەۋەر ئايدىڭلاشقاندىن كېيىن، بىر قىسىم مەبلەغ پايدا ئېلىپ ئاخىرلاشتۇرۇشنى تاللاپ، نېفىت باھاسىنى بېسىم ئاستىدا تۆۋەنلەتكەن.
ئىككى دۆلەتنىڭ جۈمە كۈنى سۆھبەت توغىرىسدا بىر قىسىم مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى ئېلىپ باردىغان بولغاچقا، بۇ خەۋەر قىسقا مۇددەتلىك توقۇنۇش ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ مۇھىم سىگنالى دەپ قارىلىپ، نېفىت باھاسىغا بىۋاسىتە بېسىم پەيدا قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئامېرىكا ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان خۇسۇسىي تارماقلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتىنىڭ ئىپادىسى بىرقەدەر ئاجىز بولۇپ، بازارنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنىڭ ئاستىلىشىغا بولغان ئەندىشىسىنى يەنە بىر قېتىم قوزغىغان.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.