نېفىت باھاسى داۋاملىق ئۆرلىدى

ilkan_3 2026-02-04 16:18:32

\

چارشەنبە كۈنى خەلقئارا نېفىت باھاسى داۋاملىق ئۆرلەپ، ھەر تۇڭى 64.12 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا سېتىلىپ، دۈشەنبە كۈنىدىكى %4 تىن ئارتۇق تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى ئاخىرلاشقان. يىل بېشىدىن ھازىرغىچە، WTIنىڭ ئومۇمىي ئۆسۈش نىسبىتى %10 كە يېقىنلاشقان.
نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنىڭ بىۋاسىتە سەۋەبى جۇغراپىيەلىك ۋەزىيەتنىڭ يەنە جىددىيلىشىشىدىن كەلگەن.
تەمىنلەش ئامىلى يەنىلا نېفىت باھاسىنى ماھىيەتلىك بېسىمغا ئۇچراتقان. قازاقىستاندىكى غايەت زور نېفىتلىك تېنجىز 1-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىشلەپچىقىرىشنى پۈتۈنلەي توختىتقاندىن كېيىن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى داۋاملىق ئەسلىگە كەلتۈرگەن، يېقىنقى مەزگىلدە كۈندىلىك مەھسۇلات مىقدارى ئىشلەپچىقىرىشتىن بۇرۇنقى %20 كە يەتكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا نېفىت ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلىرىنىڭ قىشلىق بوران-چاپقۇندىن كېيىنكى ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇساپىسى تېزلەشكەن، نۆۋەتتە مەملىكەت بويىچە يەنىلا توختاپ قالغان مەھسۇلات مىقدارى ئاران %0.7 بولغان. سىياسەت قاتلىمىدا، OPEC+ 3-ئايدا خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى ئۆزگەرتمەسلىكنى قارار قىلغان ھەمدە كەلگۈسى بىر نەچچە ئايدا ئېھتىياج تەدرىجىي ئۆرلەيدۇ، ئومۇمىي مەيدانى چىڭىتىش ئەمەس، بەلكى مۇقىملىققا ئېغىپ تۇرىدۇ، دەپ قارىغان.
بۇنىڭدىن باشقا، يەر شارىنىڭ ماكرولۇق ۋە جۇغراپىيەلىك ۋەزىيىتى يەنىلا نېفىت بازىرىغا گىرەلىشىپ تەسىر كۆرسەتمەكتە. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا بولغان ھاۋا ھۇجۇمى كۈچىيىپ، ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھە خەۋپ-خەتىرىنى قايتىدىن بازار نەزەر دائىرىسىگە كىرگۈزگەن. ئامېرىكا بىلەن ھىندىستان يېڭى سودا ئورۇنلاشتۇرۇشى ھاسىل قىلغان، قىسمەن ئاپپاراتلار رۇسىيە نېفىتىنىڭ دېڭىزدىكى ئېقىش يۆنىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالى بار دەپ چۈشەندۈرۈپ، بازارنىڭ تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە بولغان ئېنىقسىزلىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرغان.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.