خام نېفىت باھاسى كۆرۈنەرلىك تەڭشىلىش باسقۇچىغا كىردى

ilkan_5 2026-02-03 17:58:10

\


سەيشەنبە كۈنى ئاسىيا سودا ۋاقتىدا، خام نېفىىتنىڭ ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 62.30 دوللار ئەتراپىدا سودا قىلىنغان بولۇپ، گەرچە بۇنىڭدىن ئىلگىرى باھا 61 دوللار ئەتراپىدا قىسقا مۇددەتلىك تىرەككە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن قايتا ئۆرلەشنىڭ سىجىللىقى يېتەرلىك بولماي، ھازىرقى بازارنىڭ كېيىنكى بازار يۈزلىنىشىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ يەنىلا ئاجىز ئىكەنلىكىنى، مەبلەغنىڭ تېخىمۇ كۆپ ھالدا باھا ئۆرلىگەندە زاپاسنى ئازايتىش تاكتىكىسىنى قوللىنىدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.
ئالدى بىلەن، جۇغراپىيەلىك سىياسىي خەۋپ-خەتەرنىڭ ئۈستەك باھاسىنىڭ تېز سۈرئەتتە قايتۇرۇلۇشى نېفىت باھاسىنىڭ ئاجىزلىشىشىدىكى يادرولۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. جۇغراپيىلىك ۋەزىيەتنىڭ پەسىيىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، ئىككى تەرەپ سۆھبەتنى قايتا باشلايدىغانلىقىنىڭ ئاكتىپ سىگنالىنى قويۇپ بېرىپ، بازارنىڭ يوشۇرۇن خەۋىپ خەتەرگە ۋە شۇنداقلا نېفىت بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىغا بولغان ئەندىشىسى كۆرۈنەرلىك پەسەيگەن.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.