نېفىت باھاسى يەنىلا چۈشۈش يۆنىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ilkan_5 2026-02-02 18:30:35

\

ئامېرىكا بىر تۈرلۈك ئاچقۇچلۇق جۇغراپىيەلىك ئېنېرگىيە ئىستراتېگىيەلىك تەڭشىشى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان بولۇپ، ھىندىستاننىڭ ۋېنېزۇئېلادىن خام نېفىت ئىمپورت قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە سۈكۈت قىلغان ھەم مەدەت بەرگەن. بۇ ھەرىكەت ھىندىستاننى بىر سەپلىمە تاللاش تۈرى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇنىڭ رۇسىيە نېفىتىغا تايىنىشىنى تەدرىجىي ئازايتىشىغا ياردەم بېرىپ، بۇ ئارقىلىق رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ئېكسپورت كىرىمى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.

بازارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ، يەر شارىۋى خام نېفىت سودا ئېقىمىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك قايتا قۇرۇشنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ئۇنىڭ بىۋاسىتە تەسىرى يەر شارىۋى خام نېفىت ئومۇمىي مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتىش بولماستىن، بەلكى تەمىنلەشنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئاشۇرۇش، نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ رىقابىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈشتۇر. ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا، بۇ، جۇغراپىيەلىك خەۋپ ـ خەتەر ئۈستەك باھاسىنى چەكلەيدۇ ھەم نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەش بوشلۇقىنى قۇرۇلما خاراكتېرلىك چەكلەيدىكەن.

دۈشەنبە كۈنى(2-ئاينىڭ 2-كۈنى) ئاسىيا ئەتىگەنلىك سودا ۋاقتىدا، ئامېرىكىنىڭ خام نېفىت باھاسى داۋالغۇپ تۆۋەنلەپ، ھازىر ھەر بىر تۇڭىنىڭ باھاسى 62.50 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا بولۇپ، كۈندىلىك چۈشۈش نىسبىتى تەخمىنەن % 4 بولغان.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.