جۇغراپىيەلىك ۋەزىيەت نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولدى

ilkan_3 2026-01-30 15:31:15

\

جۈمە كۈنى ئاسىيا بازىرى مەزگىلىدە، ئامېرىكىنىڭ خام نېفىتى ئازراق تۆۋەنلەپ، ھەر تۇڭى 64.80 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا تەۋرىنىپ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۆرلەش يۈزلىنىشنى ساقلىغان، يېقىندا، خەلقئارادىكى ئاساسلىق مەبلەغ سېلىش بانكىلىرى 2026-يىللىق خام نېفىت باھاسى مۆلچەرىنى كوللېكتىپ ئۆستۈرگەن، بۇ بازارنىڭ جۇغراپىيەلىك ئېنىقسىزلىقىغا قارىتا قايتىدىن باھا بېكىتكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.
ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، برېنت خام نېفىتىنىڭ پۈتۈن يىللىق ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر تۇڭى 61.33 ئامېرىكا دوللىرىغا، ئامېرىكا خام نېفىتىنىڭ ( WTI ) ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر تۇڭى 58.14 ئامېرىكا دوللىرىغا ئۆستۈرۈلۈپ، ئىلگىرىكى مۆلچەردىن كۆرۈنەرلىك ئۆرلىگەن.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ قېتىمقى كۆزلىمە تەڭشەش تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج كۆرۈنەرلىك قىسىۋاتقان مۇھىتتا يۈز بەرمىگەن، بەلكى يەر شارىنى نېفىت بىلەن تەمىنلەش يەنىلا ئېشىش بوشلۇقىغا ئىگە بولغان ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا تاماملانغان.
باھانىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان ئاساسلىق ئامىل بازارنىڭ جۇغراپىيلىك ۋەزىيىتىنىڭ كۈچىيىشىگە بولغان ئەندىشىسى، بولۇپمۇ ھورمۇز بوغۇزى سۇ تىرانسپورتى بىخەتەرلىكىنى چۆرىدىگەن يوشۇرۇن زەربە مۆلچەرى. دۇنيادىكى ئەڭ ھالقىلىق ئېنېرگىيە تىرانسپورت يوللىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ رايوندىكى ھەرقانداق قالايمىقانچىلىقنى بازار چوڭايتىپ چۈشەندۈرۈشى مۇمكىن.
نۆۋەتتە نېفىت بازىرى ھالقىلىق بۇرۇلۇش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ: تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج لوگىكىسى يەنىلا مەۋجۇت، لېكىن باھا بېكىتىش ھوقۇقى قىسقا مۇددەت ئىچىدە جۇغراپىيەلىك خەۋپ-خەتەر ۋە كەيپىيات ئامىلى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈۋېلىنغان.
ماكرولۇق قاتلامدىن قارىغاندا، جۇغراپىيلىك ئېنىقسىزلىق تولۇق قوبۇل قىلىنمىسىلا، نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلەش بوشلۇقى داۋاملىق چەكلىمىگە ئۇچرايدىكەن. نۆۋەتتە يۈزلىنىش بىر تەرەپلىك بازار ئەھۋالى ئەمەس، بەلكى «خەۋەرلەر تۈرتكە بولۇش + تېخنىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش»؛ ماكرولۇق كۆزەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ داۋالغۇش خاراكتېرى يەنىلا پۇل پاخاللىقى مۆلچەرى ۋە سىياسەت ھۆكۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئۆزگەرگۈچى مىقدار ئىكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.