نېفىت باھاسىنىڭ داۋاملىق ئۆسۈش ئىكەنلىكى يەنىمۇ جەزىملەشتۈرۈلىدى

ilkan_5 2026-01-29 18:20:40

\

پەيشەنبە كۈنى ئاسىيا ئەتىگەنلىك سودا مەزگىلىدە، ئامېرىكىنىڭ خام نېفىتى داۋاملىق ئۆرلەپ، ھەر باكىنىڭ باھاسى 63.70 دوللار ئەتراپىدا تۇرغان. يېقىنقى مەزگىلدە خەلقئارا خام نېفىت باھاسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيگەن. WTI خام نېفىت بىر مەھەل تۆت ئايلىق يۇقىرى نۇقتىغا چىققان، جۇغراپىيەلىك ۋەزىيەتنىڭ يەنە بىر قېتىم جىددىيلىشىشىدىن بولغان.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ، ئەگەر ئالاقىدار مەسىلىلەرنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولمىسا، تېخىمۇ قاتتىق ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان ھەم تېزدىن سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىپ كېلىشكە دەۋەت قىلغان. بۇ ئىپادە تېزلىكتە بازارنىڭ خام نېفىت بىلەن تەمىنلىشىنىڭ مۇقىملىقىغا بولغان ئەندىشىسىنى قوزغىغان، جۇغراپىيەلىك سىياسىي خەۋپ-خەتەر ئۈستەك باھاسى قايتىدىن نېفىت باھاسى بېكىتىش سىستېمىسىغا قايتىپ كەلگەن.
جۇغراپيىلىك ۋەزىيەتىنىڭ يۈكسەك سەزگۈر بولغان ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئىران نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ ئېكسپورتى ھەم ئالاقىدار سۇ تىرانسپورت بىخەتەرلىكى باشتىن ـ ئاخىر بازار كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا بولۇپ كەلگەن شۇڭا. ھەرقانداق يوشۇرۇن ۋەزىيەتىنىڭ كەسكىنلىششى خام نېفىت تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە نېفىت باھاسىنىڭ كېيىنكى يۈزلىنشىنىڭ داۋاملىق ئۆسۈش ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا جەزىملەشتۈردىكەن.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.