نېفىت باھاسنىڭ كۈچيىشى توختاپ قالماسلىقى مۇمكىن

ilkan_5 2025-12-29 17:53:54

\

دۈشەنبە كۈنى يەنى(12-ئاينىڭ 29-كۈنى) ئامېرىكىنىڭ خام نېفىتى داۋالغۇپ كۈچەيگەن بولۇپ، نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ خام نېفىتىنىڭ ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 57.40 دوللار ئەتراپىدا بولۇپ، ئۆرلەش نىسبىتى تەخمىنەن % 1.2 بولغان، بۇ قېتىم قايتا ئۆرلەشتىن بۇرۇن، ئۆتكەن جۈمە كۈنى نېفىت باھاسى % 2.52 چۈشۈپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ جۇغراپيىلىك ۋەزىيەتىنىڭ پەسىيىشىگە بولغان ئۈمىدۋار كەيپىياتىنى، شۇنداقلا تەمىنلەش ئوشۇقچىلىقىنىڭ يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغانلىقىغا بولغان ئەندىشىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.
دۈشەنبە كۈنى نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشىدىكى ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ جۇغراپىيەلىك خەۋپ-خەتەرنىڭ يەنە بىر قېتىم باش كۆتۈرۈشىدىن بولغان. جۇغراپيىلىك جىددى ۋەزىيەتىنىڭ كەسكىنلىشىشى، كىشىلەرنىڭ رايون تەمىناتىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇنىڭدىن باشقا خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، گەرچە بۇ ئەھۋال خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى بىۋاسىتە ئازايتمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ تۇرۇبا يولىنىڭ مۇقىملىقى ۋە نېفىت ئايرىش ئىقتىدارىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى بازارنى تىرەك بىلەن تەمىنلەيدىكەن.، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ھەپتىلىك سىزىقنىڭ ھەر قېتىملىق قايتا ئۆرلىشى، بۇنىڭغا نىسبەتەن نىسپىي كۈچلۈكلۈك-ئاجىزلىق كۆرسەتكۈچى (RSI) بىردەك 60 تىن بۆسۈپ ئۆتەلمەي، ھەرىكەت مىقدارى ئەندىزىسى سىجىل تۆۋەنلەشكە مايىل بولغان، بۇ ھالەت 2026-يىلىغىچە داۋاملىشىشى مۇمكىن ئىكەن.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.