تەمنىلەش مۆلچەرى ماي باھاسىغا بېسىم ئىلىپ كەلگەن

ilkan_3 2025-12-15 17:46:25

\

دۈشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرى مەزگىلىدە، ئامېرىكا نېفىت باھاسى سەل ئۆرلەپ، ھەر تۇڭى 57.80 دوللار ئەتراپىدا بولغان، يىل ئاخىرى باسقۇچىغا كىرىپ، ئامېرىكا نېفىت باھاسى ئومۇمىيۈزلۈك بېسىمغا ئۇچرىغان. ئالدىنقى ھەپتە نېفىت باھاسى ئۇدا چۈشكەن بولۇپ، ھەپتىلىك سىزىقنىڭ ئاخىرلىشىشى بازار كەيپىياتىنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى جۇغراپيلىك خەۋپ-خەتىرىگە يۈكسەك سەزگۈر بولۇپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدىكەن.
ماكرولۇق ئېنىقسىزلىق يەنىلا مەۋجۇت بولغان ئارقا كۆرۈنۈشتە، مەبلەغ خەۋپ-خەتىرىگە بولغان قىزىقىش تۆۋەنلەپ، ماي باھاسىنىڭ پايدىلىق-پايدىسىز ئامىللىرىغا بولغان ئىنكاسىنى كۆرۈنەرلىك زورايتقان.
ئاساسىي ئەھۋالىدىن قارىغاندا، تەمىنلەش يەنىلا ماي باھاسىنى بېسىمغا ئۇچرتىشىنىىڭ يادرولۇق لوگىكىسى ئىكەن.
يەر شارى قاتلىمىدا، ئاساسلىق نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان تەرەپنىڭ ئېھتىياج ئىستىقبالىغا بولغان ھۆكۈمى كۆرۈنەرلىك ئۆسمىگەن، ئەمما ئاساسلىق نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەردىن كەلگەن تەمىنلەش ئېشىش مۆلچەرى داۋاملىق توپلانغان.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇغراپىيلىك ئامىلىنىڭ ماي باھاسىغا بولغان تىرەكلىكى تۆۋەنلىگەن. يېقىنقى مەزگىلدە ئالاقىدار رايونلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئاستىلاش مۆلچەرى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ماي باھاسىغا تەسىر كۆرسەتكەن خەۋپ-خەتەر يۇقىرى دەرىجىسىنى تەدرىجىي تارقاقلاشتۇرىۋەتكەن.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، ئېنېرگىيە بۆلىكىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى قۇرۇلما خاراكتېرلىك بۆلۈنۈش كۈچەيمەكتە. خام نېفىت باھاسىنىڭ بېسىمىغا بەرداشلىق بېرىش بىلەن بىرگە، ئېلېكتىر، ئېلېكتىر تورى ۋە ئېلېكتىرلىشىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئېنېرگىيە مۈلكى داۋاملىق مەبلەغنىڭ دىققىتىنى تارتقان. بۇ ئۆزگىرىش كاپىتالنىڭ " ئېنېرگىيە " گە بولغان چۈشەنچىسىدە ئۆزگىرىش بولۇۋاتقانلىقىنى، خام نېفىتنىڭ يەنىلا مۇھىم ئىكەنلىكىنى، بىراق بىردىنبىر يادرولۇق بايان ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىدىكەن.
ئۇنىۋېرسال ئاساسىي ئەھۋالى ۋە تېخنىكا جەھەتتىن ھۆكۈم قىلغاندا، ئامېرىكا نېفىت باھاسى يەنىلا " تەمىنلەش لوگىكىسى يېتەكچىلىك قىلىش ، تېخنىكا جەھەتتە ئاجىز رەتلەش " باسقۇچىدا تۇرماقتا . قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئامبار قالدۇقى ئۆزگىرىشى ياكى تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەر باسقۇچ خاراكتېرلىك ئۆسۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ئەمما يەر شارى بويىچە تەمىنلەش كەڭ بولۇش مۆلچەرى ئۆزگەرتىلىشتىن بۇرۇن، ماي باھاسىنىڭ يۇقىرىغا ئۆرلىشى شارائىتى تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.