رۇسىيەنىڭ نېفىت ئېكسپورتى چەكلىمىگە ئۇچراپ نېفىت باھاسى ئۆرلىدى

ilkan_3 2025-11-12 17:03:37

\

چارشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرى مەزگىلىدە، بىرېنت خام نېفىتىنىڭ ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 65.03 ئامېرىكا دوللىرى بولغان، ئامېرىكىنىڭ WTI خام نېفىتىنىڭ ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 60.92 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئۇدا ئىككى كۈن ئۆرلىگەندىن كېيىن زىچ بېسىم رايونىغا يېقىنلاشقان.
بازار تەھلىلىدە مۇنداق قارالغان: ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىگە قاراتقان ئەڭ يېڭى تەدبىرى تەدرىجىي ھالدا ئېكسپورت زەنجىرىگە سىڭىپ كىرىپ، بىر قىسىم سېتىۋالغۇچىلارنى ئىمپورت خەۋپ-خەتىرىنى قايتىدىن باھالاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان.
بازار تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستاندىكى بەش ئاساسلىق نېفىت ئايرىش زاۋۇتى 12-ئايدا رۇسىيەنىڭ خام نېفىتىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن تېخى زاكاز چۈشۈرمىگەن بولۇپ، ئېكسپورت يۆنىلىشىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىق ئالامەتلىرىنى نامايان قىلغان.
بازار ئومۇميۈزلۈك مۇنداق مۆلچەرلىگەن: ئەگەر تەدبىر يەنىمۇ چىڭىسا ياكى سۇغۇرتا ۋە تىرانسپورت چەكلىمىسى كۈچەيسە، يەر شارىۋى تەمىنلەش تېخىمۇ زور كاشىلىغا ئۇچرايدۇ، بۇ ئارقىلىق نېفىت باھاسىنى سىجىل تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.
نۆۋەتتە نېفىت باھاسىنىڭ قايتا ئۆرلىشى ئاساسلىقى ئىككى جەھەتتىن قوزغىتىشنى ئاساس قىلغان:بىرىنچى، تەدبىر كەلتۈرۈپ چىقارغان تەمىنلەشنىڭ تارىيىشىنى مۆلچەرلەش؛ ئىككىنچى، بازارنىڭ رۇسىيەنىڭ نېفىت ئېكسپورتى ئۈزۈلۈپ قېلىشىغا قارىتا مۇداپىئە خاراكتېرلىك باھا بېكىتىشى. لېكىن ئەگەر رۇسىيە يەنە بىر قېتىم يېڭى سېتىش يولى تاپسا ياكى ئاسىيانىڭ ئېھتىياجى ئەسلىگە كەلسە، نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەش ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئاجىزلىشىشى مۇمكىن.
يۈزلىنىش جەھەتتىن قارىغاندا، نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقى يەنىلا تەدبىرنىڭ كۈچلۈكلۈكى بىلەن سېتىۋالغۇچى تەرەپ بازىرىنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇش سۈرئىتىگە تايىنىدىكەن. ھازىر ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئېھتىياتچان پوزىتسىيەسى گەرچە تەمىنلەش تەرەپكە بېسىم پەيدا قىلغان بولسىمۇ، لېكىن يەر شارىۋى خام نېفىت ئامبار زاپىسى سەۋىيەسى ۋە رۇسىيەدىن باشقا نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى تەڭشەش ئىقتىدارى يەنىلا تەڭپۇڭ ئامىل ھېسابلىنىدىكەن.
ئەگەر كەلگۈسى بىرنەچچە ھەپتىدە رۇسىيەنىڭ ئېكسپورتى چەكلىمىگە ئۇچراش داۋاملاشسا، ماي باھاسىنىڭ داۋاملىق ئۆرلىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن، بۇ ھەپتىدە ئامبار زاپىسى سانلىق مەلۇماتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە نۇقتىلىق دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.