OPEC+مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش پىلانىنى ۋاقتىنچە توختىتىدىكەن

ilkan_3 2025-11-04 16:32:32

\

غەربىي تېكساس ئوتتۇرا سۈپەتلىك خام نېفىتى (WTI) سەيشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرى مەزگىلىدە تەخمىنەن %0.1 تۆۋەنلەپ، ھەر باكى 61 دوللار ئەتراپىدا تەۋرەندى. OPEC ھەم ئۇنىڭ ھەمراھلىق تەشكىلاتلىرى يەكشەنبە كۈنى 2026-يىلى 1-پەسىلدىن باشلاپ مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش پىلانىنى ۋاقتىنچە توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، سەۋەبى شۇ چاغدا نېفىتقا بولغان ئېھتىياجدا پەسىل خاراكتېرلىك ئاستىلاش كۆرۈلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.
بۇ تەدبىر ئېلان قىلىنغان پەيتتە، بازار ئومۇميۈزلۈك ھالدا كېلەر يىلى تەمىنلەشتە ئوشۇقچىلىق كۆرۈلۈپ، نېفىت باھاسىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىشى مۇمكىن، دەپ مۆلچەرلىگەن. ئۆتكەن ئۈچ ئايدا WTI باھاسى جەمئىي% 9 تۆۋەنلىگەن. تەھلىلچىلەر مۇنداق كۆرسەتكەن: بۇ ئاساسلىقى OPEC+بۇنىڭدىن ئىلگىرى مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى تېزلىتىپ، بازار ئۈلۈشىنى قايتا قولغا كەلتۈرگەنلىكىدىن بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئامېرىكا ۋە OPEC دىن باشقا نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەرمۇ ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆستۈرمەكتە.
گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئىككى ئاساسلىق نېفىت شىركىتىگە بولغان تەدبىرى يەنىمۇ كۈچىيىپ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە تەمىنلەش ئىستىقبالىغا يەنە بىر قېتىم ئېنىقسىزلىق ئېلىپ كەلگەن.
OPEC+نىڭ مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇشنى ۋاقتىنچە توختىتىش ھەرىكىتى تەمىنلەش-ئېھتىياج قۇرۇلمىسىدىكى تۈپ ئۆزگىرىش بولماستىن، بەلكى بازار كەيپىياتىغا بولغان تۈزىتىشقا تېخىمۇ ئوخشايدىكەن. قىسقا مۇددەت ئىچىدە، نېفىت باھاسى 60 دوللاردىن 65 دوللارغىچە بولغان ئارىلىقتا تەۋرىنىشى مۇمكىن، لېكىن ئەگەر يەر شارىۋى ئېھتىياجنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئاجىز بولسا ياكى جۇغراپىيەلىك ۋەزىيەت يەنە بىر قېتىم جىددىيلەشسە، باھانىڭ تەۋرىنىشچانلىقى يەنىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.