تەمنىلەش ئەندىشىسى نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى چەكلەپ قويدى

ilkan_3 2025-11-03 15:10:35

\

دۈشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا، ئامېرىكىنىڭ خام نېفىت باھاسى ئازراق ئۆرلەپ، ھەر باكى 61.17 دوللار ئەتراپىدا سودا قىلىنىپ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە بېسىم دائىرىسىگە يېقىنلاشتى، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مەبلەغ سالغۇچىلار ئومۇميۈزلۈك ھالدا نېفىت بازىرى سىجىل ئوشۇقچىلىق يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ھەتتا 2026-يىلى كۈنىگە 4 مىليون تۇڭ ئامبار زاپىسى يۇقىرى پەللىسى شەكىللىنىشى مۇمكىن، دەپ قارىغان.
ھالبۇكى، ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ رۇسىيە Rosneft بىلەن Lukoil غا قىلغان تەدبىرى بازارنىڭ تەمىنلەش-ئېھتىياج ئىستىقبالىنى قايتىدىن باھالىشىغا تۈرتكە بولغان. نۆۋەتتە پۈتۈن يەر شارىدا خام نېفىتنىڭ ئوشۇقچە مىقدارى كۈنىگە 1 مىليون 900 مىڭ تۇڭ ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ، گەرچە تەمىنلەش يەنىلا ئېھتىياجدىن يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن كەلگۈسىدىكى ئوشۇقچە ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاپ، بۇ ئارقىلىق نېفىت باھاسىنى بەلگىلىك تىرەك بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن.
بازار تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاسىيا دۆلەتلىرى خام نېفىت زاپىسىنى سىجىل كېڭەيتكەن، بولۇپمۇ ئاسىيا دۆلەتلىرى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كەتكەن ئەھۋالدا پائال نېفىت بېسىپ قويغان، بۇ «ئەسلىدە باھانى تۆۋەنلىتىش ئېھتىمالى بولغان زور مىقداردىكى ئوشۇقچە تەمىنلەشنى قوبۇل قىلغان».
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھىندىستان رۇسىيە نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشىدىن پايدىلىنىپ ئىمپورت مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، يېڭى ئېھتىياج تىرەك نۇقتىسىنى شەكىللەندۈرگەن.
ھازىر نېفىت بازىرى «ۋەھىمە بىلەن ئاساسىي نۇقتا»نىڭ كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ. ئامېرىكا تەدبىرى گەرچە قىسقا مۇددەت ئىچىدە نېفىت باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېتىشى مۇمكىن بولسىمۇ، لېكىن ئەگەر OPEC+دا مەھسۇلات سىجىل ئېشىپ، ئېھتىياجنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئاستىلىسا، باھا تىرىكى خىرىسقا دۇچ كېلىدىكەن. بازارنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى يۆنىلىشى ئىشەنچنى قايتىدىن تۇرغۇزۇش-تۇرغۇزالماسلىققا باغلىق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.