خام نېفىت باھاسى ئۆرلىدى

ilkan_3 2025-10-30 17:09:31

\

تۈنۈگۈن (10-ئاينىڭ 29-كۈنى) خەلقئارا نېفىت باھاسىدا ئازراق ئۆرلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن؛ WTI خام نېفىتنىڭ ھەر تۇڭىنىڭ 60.48 دوللار بولۇپ، ئۆرلەش نىسبىتى %0.55 بولغان؛ بىرېنت خام نېفىتنىڭ ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 64.92 دوللار بولۇپ، ئۆرلەش نىسبىتى %0.81 بولغان. نۆۋەتتە، بۇ دەۋرىيلىكنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئىستاتىستىكا كۈنىدە، خام نېفىتنىڭ ئوتتۇرىچە باھا ئەھۋالى: WTI نىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر تۇڭىنىڭ 60.65 دوللار، بىرېنت خام نېفىتىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر تۇڭىنىڭ 64.98 دوللار بولۇپ، تۈنۈگۈنكى ئوتتۇرىچە باھا بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن تەڭلەشكەن، بۇمۇ بۈگۈنكى دەۋرىيلىك نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتىنى تۈنۈگۈنكى سەۋىيەدە ساقلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان.
ھازىر خەلقئارا نېفىت باھاسى ئاساسىي جەھەتتىن دەۋرىيلىك خام نېفىتنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى بىلەن تەڭلەشكەن، باھا تەڭشەشكە يەنە يەتتە ئىستاتىستىكا كۈنى قالغان بولۇپ، كېيىنكى خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ يۈزلىنىشى دۆلەت ئىچىدىكى نېفىت باھاسىغا ئاچقۇچلۇق تەسىر كۆرسىتىدىكەن: ئەگەر خەلقئارا نېفىت باھاسى چۈشسە، دەۋرىيلىك نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى يەنىمۇ تارىيىشى مۇمكىن؛ ئەكسىچە، ئەگەر خەلقئارا نېفىت باھاسى ئۆرلىسە، دەۋرىيلىك نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى داۋاملىق كېڭىيىشى مۇمكىن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.