نېفىت باھاسى قىسقا مۇددەت ئىچىدە تۆۋەنلەش ھالتىنى ساقلىدى

ilkan_3 2025-10-15 16:42:15

\

چارشەنبە كۈنى ئەتىگەنلىك سودا بازىرىدا، خەلقئارا نېفىت باھاسىدا ئالدىنقى سودا كۈنىدىكى چۈشۈش ۋەزىيىتى داۋاملاشقان. يەنى بىرېنت خام نېفىتىنىڭ باھاسى 0.19% تۆۋەنلەپ، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 62.27 ئامېرىكا دوللىرى بولغان؛ ئامېرىكىنىڭ WTI خام نېفىت باھاسى %0.17 تۆۋەنلەپ، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 58.60 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشكەن. ئىككى تۈرلۈك نېفىت باھاسىدا بەش ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن بازار يېپىلىش باھاسى يارىتىلغان.
خەلقئارا ئېنېرگىيە مەھكىمىسى (IEA) سەيشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق كۆرسەتكەن: يەر شارىۋى خام نېفىت بازىرىدا 2026-يىلى ھەر كۈنى 4 مىليون تۇڭغا يېتىدىغان تەمىنلەش ئوشۇقچىلىقى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، بۇ سانلىق مەلۇمات ئىلگىرى مۆلچەرلەنگەن ئېشىنچا مىقدارغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك ئاشقان.
دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن:OPEC+غا ئەزا دۆلەتلەر ھەم ئۇلارنىڭ رىقابەتچىلىرىنىڭ ھەممىسى مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرماقتا، ھالبۇكى يەر شارىۋى ئېھتىياجنىڭ قايتا جانلىنىشى يەنىلا ئاجىز بولۇۋاتىدۇ، بۇ، بازاردىكى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەر شارىۋى سودىدىكى ئەندىشە كەيپىياتىنىڭ كۈچىيىشىمۇ نېفىت باھاسىغا تۆۋەنلەش بېسىمى پەيدا قىلغان. ئامېرىكا بىلەن ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارقا-ئارقىدىن پورت سۇ تىرانسپورت كارخانىلىرىدىن قوشۇمچە ھەق ئالغان. بۇ ھەرىكەت بازارنى يەر شارىۋى سۇ تىرانسپورتى ۋە ئېنېرگىيە تىرانسپورت تەننەرخىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلدۇرۇپ، خام نېفىتقا بولغان ئېھتىياجنى تىزگىنلىگەن.
يېقىندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تاۋار تاموژنا بېجىنى 100% كە ئۆستۈرىدىغانلىقى ھەم يۇمشاق ماتېرىيال ئېكسپورتىغا چەك قويۇشنى يەنىمۇ چىڭىتىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سالغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاسىيا دۆلەتلىرى ئېكسپورتنى باشقۇرۇشنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، سودا مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىشىش دەرىجىسى داۋاملىق ئاشقان.
ھازىر نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب قوش بېسىم:بىر تەرەپتىن، تەمىنلەش تەرەپ سىجىل كېڭىيىپ، IEA نىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى بازاردىكى ئوشۇقچە كۆزلىمىنى كۈچەيتكەن؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا بىلەن ئاسىيا ئوتتۇرىسىدىكى سودا سۈركىلىشى ئېھتىياجنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئىستىقبالىنى تېخىمۇ ئېنىقسىز قىلىۋەتكەن.
ئەگەر كېيىنكى ئامبار زاپىسى سانلىق مەلۇماتلىرى تەمىنلەش بېسىمىنىڭ ئاشقانلىقىنى ئىسپاتلىسا، ئەمما ئېھتىياجدا ياخشىلىنىش كۆرۈلمىسە، ماي باھاسى يىل ئىچىدە داۋاملىق ئاجىزلىشىشى مۇمكىن. كەلگۈسى بازارنىڭ ئاچقۇچلۇق كۆزىتىش نۇقتىسى OPEC+مەھسۇلاتنى ئازايتىشنى ئىجرا قىلىش سالمىقى ۋە يەر شارىۋى سودىنىڭ ماس ئىلگىرىلىشىدىن ئىبارەت.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.