نېفىت باھاسى داۋاملىق ئۆرلەپ، قىسقا مۇددەت ئۆرلەش ھالتىنى ساقلىدى

ilkan_3 2025-07-31 15:45:20

\

خەلقئارا نېفىت باھاسى پەيشەنبە كۈنى داۋاملىق ئۆرلەپ، ئۇدا 4-كۈنى يۇقىرى سەۋىيە خاتىرىلەندى، چۈنكى بازار ئومۇميۈزلۈك ھالدا يەر شارىۋى تەمىنلەش جىددىي ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىشىدىن ئەنسىرگەن. بۇلۇنتې خام نېفىت باھاسى % 0.4 ئۆرلەپ، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 73.51 دوللارغا ئۆرلىگەن، WTI خام نېفىت باھاسى % 0.5 ئۆرلەپ، ھەر تۇڭنىڭ باھاسى 70.37 دوللارغا ئۆرلىگەن؛
يېقىنقى مەزگىلدە، بازارنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپنىڭ پوزىتسىيەسىگە مەركەزلەشكەن. ترامپ رۇسىيەدىن 10-12 كۈن ئىچىدە جۇغراپىيلىك ۋەزىيەتتە «ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش»نى قولغا كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان، بولمىسا ئۇنىڭ سودا ھەمراھىدىن %100 2-دەرىجىلىك تاموژنا بېجى ئېلىنىدىكەن ھەمدە بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى 50 كۈننىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇددىتى زور دەرىجىدە ئالدىغا سۈرۈلىدىكەن.
«بازار رۇسىيەدىن خام نېفىت ئىمپورت قىلىدىغان دۆلەتلەردىن 2-دەرىجىلىك تاموژنا بېجى ئېلىشنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىگە بىۋاسىتە زەربە بېرىشىدىن ئەنسىرگەن، بۇ خام نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشىدىكى ئاساسلىق ئامىلغا ئايلىنىپ قالغان.
«گەرچە خام نېفىتنىڭ ئامبار زاپىسى كۈتۈلمىگەندە زور دەرىجىدە ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن بېنزىننىڭ ئامبار زاپىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلىشى ھەيدەشنىڭ ئاۋات مەزگىلىدە ئېھتىياجنىڭ يەنىلا كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى، ئومۇمىي ئامبار قالدۇقى سانلىق مەلۇماتىنىڭ بازارغا بولغان تەسىرىنىڭ نېيترال بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
نۆۋەتتە خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تېخىمۇ كۆپ سودا ئەندىشە كەيپىياتى ۋە يوشۇرۇن تەمىنلەشنىڭ تارىيىشىغا بولغان مۆلچەرىدىن كەلگەن، بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى تاموژنا بېجى ۋە تەدبىرلىرى خەلقئارا خام نېفىت سودا ئەندىزىسىنى قايتا بەرپا قىلماقتا.
ئامبار قالدۇقى سانلىق مەلۇماتىدا گەرچە تەمىنلەشنىڭ ئاشقانلىقى كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن بېنزىننىڭ ئامبار زاپىسىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە ئېھتىياجنىڭ ئېلاستىكلىقى ماي باھاسىنى تىرەك بىلەن تەمىنلىگەن. ئەگەر كېيىن ئامېرىكىنىڭ سىياسىتى يەنىمۇ كەسكىنلىشىپ، نېفىت باھاسى 74 دوللاردىن ئاشسا ھەم مۇقىم تۇرۇش ئېھتىماللىقى بىرقەدەر يۇقىرى بولسا، ئەگەر جۇغراپىيلىك ۋەزىيەتتە پەسىيىش ياكى سۆھبەتتە ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلسە، بازار كەيپىياتى تېز سۈرئەتتە تەتۈر ئايلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.