نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشىدىكى يادرولۇق ئامىللار

ilkan_3 2025-07-30 15:26:10

\

چارشەنبە كۈنى ئەتىگەنلىك سودا بازىرىدا، بۇلۇنتې خام نېفىت باھاسى% 0.19 ئۆرلەپ، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 72.65 دوللارغا يەتكەن؛ ئامېرىكا خام نېفىت ( WTI ) باھاسى %0.03 ئۆرلەپ، ھەر تۇڭنىڭ باھاسىى 69.23 دوللارغا يەتكەن. سەيشەنبە كۈنى ئىككى چوڭ نېفىتنىڭ بازار يېپىلىشى 6-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتقان.
ترامپ سەيشەنبە كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئەگەر رۇسىيە كەلگۈسى 10-12 كۈن ئىچىدە توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرمىسا، ئامېرىكا رۇسىيە سودا ھەمراھلىرىدىن 2-دەرىجىلىك 100% تاموژنا بېجى ئېلىش تەدبىرىنى يولغا قويىدۇ، بۇ قىلمىش بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى 50 كۈنلۈك ئۇزارتىلغان مۆھلەتتىن كۆرۈنەرلىك مۇددەتتىن بۇرۇن بولدۇ.
ING تەھلىلچىسى مۇنداق كۆرسەتكەن: « ئەگەر 2-دەرىجىلىك تاموژنا بېجى 100% كۈچكە ئىگە بولسا، نېفىت بازىرىدا شىددەتلىك ئۆزگىرىش بولىدۇ، نۇرغۇن ئاساسلىق سېتىۋالغۇچىلار، بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ مۇھىم سودا ھەمراھلىرى داۋاملىق رۇسىيە خام نېفىتىنى سېتىۋېلىشنى خالىمايدۇ.»
تەھلىلدە مۇنداق دەپ قارالغان: + OPEC مەھسۇلاتنى كېمەيتىش تەدبىرىنى تەدرىجىي بوشاشتۇرۇپ قويغان تەقدىردىمۇ، ئەڭ ناچار ئەھۋالدا بازاردا يەنىلا تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج يوچۇقى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
بۇ قېتىمقى نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشىدىكى يادرولۇق ئامىل شۇكى، تەمىنلەش تارىيىش مۆلچەرى جىددىي چوڭايغان. ترامپ ھۆكۈمىتى رۇسىيەگە بولغان مۇددىتىنى قىسقارتىپ، ئاساسلىق ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە ھىندىستانغا بولغان سىياسەت بېسىمىنى زورايتقان.
ئەگەر رۇسىيەنىڭ ئېكسپورتى چەكلىمىگە ئۇچرىسا، يەر شارىۋى بازار يوچۇقىنى بىۋاسىتە ئۆرلىتىۋېتىدىكەن. لېكىن OPEC+نىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مەھسۇلاتنى كېمەيتىش تاكتىكىسىنى تەڭشەش ئېھتىماللىقى، شۇنداقلا ۋېنېزۇئېلا تەمىنلەيدىغان ئېنىقسىزلىقى سەۋەبىدىن نېفىت باھاسىدا يۇقىرى نۇقتىدا داۋالغۇش ۋەزىيىتى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.