نېفىت باھاسى كۆپ خىل ئامىلغا دۇچ كېلىدىكەن

ilkan_3 2025-07-09 17:05:25

\

شىڭجەن بانكىسى ئېنېرگىيە تارماقلىرى كوللېكتىپىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:«ئوپېك+تەمىنلەشنىڭ تېز ئېشىشى ئالدىدا، نېفىت باھاسى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئېلاستىكلىقنى ساقلىدى. شۇنداقلا بىر قىسىم ئوۋپېك+ئەزا دۆلەتلەر بالدۇرراق ئىشلەپچىقىرىش ئوشۇقچىلىقىنى تولۇقلىغاچقا، ئەمەلىي تەمىنلەش مىقدارىنىڭ زور دەرىجىدە ئاشمايدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.
نۆۋەتتە نېفىت باھاسىنىڭ تاموژنا بېجى ۋە ئىسكىلات قالدۇقى، مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئېشىشىدەك كۆپ خىل ئامىلغا دۇچ كېلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن؛
يۇقىرى دەرىجىلىك بازار ئانالىزچىسى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:«نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىگە تۈرتكە بولدىغان ئامىل ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك تاموژنا بېجىنى يولغا قويىدىغان ئېنىقسىزلىق ھەمدە ئوپېك+نىڭ يوشۇرۇن مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىشىلەر تاموژنا بېجىنىڭ نېفىتقا بولغان ئېھتىياجنى چەكلەپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيدۇ، گەرچە ئامېرىكىنىڭ 7-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ھەپتە ئاخىرىدىكى ساياھەت ئېھتىياجى كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن AI سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا كۆپەيتكەن خام نېفىتنىڭ ئامبار زاپىسى تەخمىنەن 7 مىليون 100 مىڭ تۇڭ بولغان، گەرچە تەييار ماينىڭ ئامبار زاپىسى ئازايغان بولسىمۇ.
گوللاندىيە خەلقئارا گۇرۇھى ( ING ) نىڭ ئانالىزچىسى بىر پارچە خېرىدارلار دوكلاتىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: « ئاخشام ئىلان قىلىنغان ئامېرىكا نېفىت جەمئىيىتى ( AI ) نىڭ سانلىق مەلۇماتى نېفىت باھاسىنى چۈشۈشىدۇ دەپ قارايدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.