نېفىت باھاسى داۋاملىق ئۆرلەمدۇ؟

ilkan_3 2025-05-06 17:28:06

\

چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سەيشەنبە كۈنى نېفىت باھاسى ئۆرلىگەن، دۈشەنبە كۈنى نېفىت باھاسى بىر مەھەل يېقىنقى تۆت يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشكەن، ئاساسلىقى OPEC+مەھسۇلاتنى تېز ئاشۇرۇشنى قارار قىلغاچقا، بازارنىڭ تەمىنلەش ئوشۇقچىلىقىدىن ئەندىشە قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئامېرىكا تاموژنا بېجى سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشىمۇ بازارنىڭ ئېھتىياجغا بولغان ئەندىشىسىنى كۈچەيتىۋەتكەن.
OPEC+بۇ ھەپتە ئۇدا ئىككىنچى ئاي مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا قوشۇلغان، 6-ئايدىكى نېفىت مەھسۇلات مىقدارى كۈنىگە 411 مىڭ تۇڭ ئاشىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئوۋپېك ۋە غەيرىي ئوۋپېكتىكى سەككىز نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتمۇ 6-ئايدىن باشلاپ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە مەھسۇلاتنى 411 مىڭ تۇڭ ئاشۇرۇشنى قارار قىلغان، بۇ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۇدا ئىككىنچى ئاي مۆلچەردىكىدىن يۇقىرى سۈرئەت بىلەن مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇشى ھېسابلىنىدىكەن.
سەئۇدى، رۇسىيە، ئىراق، بىرلەشمە خەلىپىلىكى، كۇۋەيت، قازاقىستان، ئالجىرىيە ۋە ئوماننىڭ ۋەكىللىرى شۇ كۈنى توردا يىغىن ئۆتكۈزۈپ، خەلقئارا نېفىت بازىرى ۋەزىيىتى ۋە ئىستىقبالىنى مۇزاكىرە قىلغان. باياناتتا مۇنداق كۆرسىتىلگەن: ھازىرقى بازارنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنىڭ مۇقىم، ساغلام بولۇشى، نېفىت زاپىسىنىڭ تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ، سەككىز دۆلەت مەھسۇلات مىقدارىنى تەڭشەشنى قارار قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سەككىز دۆلەت بازار ئەھۋالىغا ئاساسەن مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش رىتىمىنى جانلىق تەڭشەپ، نېفىت بازىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدايدىكەن.
باكلېي بانكىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2025-يىلى بېرنىت خام نېفىت باھاسى تۆت دوللار تۆۋەنلىتىلىپ، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 70 دوللارغا تۆۋەنلىتىلىدىكەن ھەم 2026-يىللىق باھاسىنى ھەر تۇڭىنىڭ 62 دوللار قىلىپ بېكىتىدىكەن، بۇنىڭ سەۋەبى سودا جىددىي ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىشى ۋە OPEC+ئىشلەپچىقىرىش ئىستراتېگىيەسىنى تەڭشەش «ئاساسىي ئىستىقبالى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراش»نى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ساھەسىدىكى رەھبەرلەر مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: گەرچە بازار ئېنىقسىزلىقى ئېغىر بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا مېكسىكا قولتۇقىنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى يەنىلا داۋاملىق ئاشىدۇ. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى مۇشۇ چارشەنبە كۈنى ئىككى كۈنلۈك يىغىننى ئاخىرلاشتۇرىدىكەن.بازار ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئامېرىكا زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى، ئالدىنقى جۈمە كۈنى ئېلان قىلىنغان 5-ئايلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دوكلاتىنىڭ مۇقىم بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.