نېفىت بازىرىدا چوڭ كۆلەملىك تەڭشەش ئېلىپ بېرىلدى

kudret 2018-11-22 18:20:10

\FX168مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى:چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا 1‏-ئايلىق قەرەللىك نېفىت باھاسى 1.2 دوللار ئۆرلەپ، 54.63 دوللار\باك بولدى. برېنت 1‏-ئايلىق قەرەللىك نېفىت باھاسى 0.95 دوللار\باك بولدى، 63.48 دوللار\باك بولدى. گەرچە نېفىت بازىردا تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن شەكىللەنگەن ئەندىشە كەيپىياتى يەنىلا ئېغىر بولغان بولسىمۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا قەرللىك نېفىت زاپاس مىقدارى سانلىق ئۇچۇرى نېفىت باھاسىغا پايدىسىز بولۇپ چىقتى، لېكىن نېفىت باھاسى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلىگەندىن كېيىن ئۈمۈدسىز كەيپىياتتا ياخشىلىنىش شەكىللىنىپ ئېفىت باھاسىغا تىرەش ئېلىپ كەلدى. ئامېرىكا wti قەرەللىك نېفىت زاپاس مىقدارىنىڭ يۇقىرى باھا 55.86 دوللار\باك بولدى، برېنت قەرللىك نېفىت باھاسىنىڭ يۇقىرى باھا 64.48 دوللار\بال بولدى.
تۆنۈگۈن كېچە نېفىت باھاسى تەۋرەنمە تەۋرىنىش ھالىتىدە بولدى، ئامېرىكا قەرەللىك نېفىت باھاسى بىر مەھەل 4% ئەتراپىدا ئۆرلەپ كەتتى، برېنت قەرەللىك نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەش سالمىغىمۇ 3% ئەتراپىدا بولدى، كېيىن تېز سۈرئەتتە كەينىگە تەڭشەش ئېلىپ باردى. گەرچە ئامېرىكا eia قەرەللىك نېاىت زاپاس مىقدارىنىڭ ئۆرلىشى مۆلچەرىدىكىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن چەكلەنگەن ماي زاپاس مىقدارى تۆۋەنلىگەن، ھەم ئامېرىكا نېفىت بۇرغۇلاش سانىنىڭ تۆۋەنلىشىمۇ نېفىت باھاسىغا بەلگىلىك تىرەش ئېلىپ كەلدى. مەلۇم بىر قىسىم بازار ئانالىزچىللىرىنىڭ قارىشىچە، نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشى نېفىت باھاسىنىڭ چوڭ كۆلەمدە تۆۋەنلەپ كەتكەندىن كېيىنكى بازارنىڭ باھاغا بولغان تەڭشەش ئېلىپ بېرىشى دەپ قارىدى. بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا، نېفىت باھاسى بىر مەھەل 8%ر ئەتراپىدا ئۆرلىدى. تېخنىكىلىق يۈز جەھەتتىن قارىغاندا، ئامېرىكا قەرەللىك نېفىت باھاسىنىڭ يۆلۈنىش ئەھۋالى يەنىلا كۆڭۈلدىكىدە بولمىغان، توختىماستىن تۆۋەنلەۋاتقان تېخنىكا كۆرسەتكۈچىدىمۇ بازارنىڭ ئۆزۈگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.