نېفىت كېيىنكى يۆنىلىشىگە قارىتا ئالدىن پەرەز

xayida 2018-11-14 12:30:54

\

FX168مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى:ئامېرىكا نېفىت باھاسى قايتىدىن چوڭ دائىرىدە تۆۋەنلىدى ،نېفىت باھاسى ئالدىنقى سودا كۈنىدە تۆۋەنلەپ ،تۆۋەنلەش نىسبىتى %7.07 كە يەتتى ،ھەمدە2015-يىلى 9-ئاينىڭ1-كۈندىن بۇيانقى چۈشۈش نىسبىتى ئەڭ چوڭ بولغان كۈن بولدى ،نېفىت باھاسى 55.64 دوللار ئەتراپىغا يېقىنلاشتى ،ئانالىزچىلار قارشىچە ،نېفىت باھاسى سەيشەنبە كۈنى دۈشەنبە كۈندىكى چۈشۈش يۆنىلىشىنى داۋاملاشتۇردى .تېخنىكا يۈزىدىن قارىغاندا ،نېفىت باھاسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك يۆلىنىشى مۇھىم تىرەش نۇقتىسىغا دۇچ كەلدى ،ئەگەردە نېفىت باھاسى تىرەش نۇقتىسىنى بۇزىۋەتسە ،نېفىت باھاسى قايتىدىن يەنە بىر قېتىم چوڭ دائىرىدە تۆۋەنلەيدۇ .بۈگۈنكى سودا كۈنىدە ،خەلقئارا ئېنېرگىيە مەھكىمىسى (IEA) يەنە نېفىت بازىرى ئايلىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىدۇ .

\

سودا خادىملىرىنىڭ ئىپادىلىشىچە ،سەيشەنبە كۈنى نېفىت باھاسى ئالدىنقى سودا كۈندىكى يۆنىلىشىنى داۋاملاشتۇردى .ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامىپ OPEC تەشكىلاتقا بېسىم ئىشلىتىپ ،نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كېمەيتمەسلىكنى تەلەپ قىلغاندىن كىيىن ،دۈشەنبە كۈندىكى سودا يۆلىنىشى داۋاملاشتى .مەبلەغ سالغۇچىلار ئۆسۈش مىلىنىڭ سانىنى ئازايتىپ ،سەيشەنبە كۈنى نېفىت باھاسى چۈشۈش يۆنىلىشىنى داۋاملاشتۇردى .

OPECنىڭ ئايلىق دوكلاتىدا ، كېلەر يىلى دۇنيا نېفىت ئېھتىياجى كۆپىيىپ كۈنىگە 1 مىليون 290 مىڭ بولدى ، ئالدىنقى ئايلىق ئالدىن مۆلچەردە كۈنىگە 70 مىڭ باك ئازىيدۇ دەپ پەرەز قىلغان ، بۇ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئۇدا 4 ئايلىق نېفىت ئېھتىياجى ئالدىن مۆلچەرلەنگەن . OPEC بىلدۈرشىچە ،كۈنىگە نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 12.7 مىڭ \باك ئېشىپ ،3290 مىڭ\باك بولدى .
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.