نېفىت باھاسى دائىرە ئىچىدە تەۋرەنمە تەۋرىنىش قىلدى

xayida 2018-10-16 16:45:01

\

FX168مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى:سەيشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا ،ئامېرىكا نېفىت باھاسى تەۋرەنمە تەۋرىنىش قىلىپ 72 دوللارنىڭ تۆۋەنكى قىسىملىرىدا تەۋرەندى ،نېفىت باھاسى دۈشەنبە كۈنى تۆۋەنلىدى ،چۈنكى سەئۇدى ئەرەبىستان مۇخبىر يوقاپ كەتكەنلىك خەۋىرى جۇغراپىيىلىك سىياسىي ۋەزىيەت جىددىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ،بىر مەھەل نېفىت باھاسىغا تىرەش ئېلىپ كەلدى ،بىراق بۇ ۋەقە تەدرىجىي بازار تەرىپىدىن ھەزىم قىلىنىپ بولدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەئۇدى ئەرەبىستانى ، روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ نېفىت مەھسۇلات مىقدارى ئاشتى ، بۇ سەۋەبتىن نېفىت باھاسى يەنە بىر قېتىم 72 دوللاردا توسالغۇغا ئۇچرىدى .تېخنىكا يۈزىدىن قارىغاندا ،نېفىت باھاسى 4 سائەتلىك سىزىق جەھەتتە ھەپتىلىك تىرەش نۇقتىسىغا ئۇچراۋاتىدۇ ،تۆۋەنلەش خەۋپ-خەتىرى يەنىمۇ بىر قەدەم ئاشتى .بۇنىڭدىن سېرىت ،مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى ئامېرىكاAPI نېفىت زاپاس مىقدارى دوكلاتىغا قارىتىلدى . خەلقئارا يېزىقلىق تېلېگراف ئاگېنتىلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، رۇسىيە -10ئايلىق نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى كۈنىگە 1140مىڭ\باكقا يەتتى . لېكىن ، پەرىسىي ھېلىمجان دېيىشىچە ، سەئۇدى ئەرەبىستانى نۆۋەتتىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى كۈنىگە 1070 مىڭ\باك بولدى ،كېينكى ئايدا نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى يەنىمۇ بىر قەدەم ئاشماقچى .

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.