نېفىت باھاسىنىڭ يۆلىنىش ئەھۋالى

kudret 2017-11-17 16:44:42

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى:

جۈمە كۈنى خەلقئارا نېفىت باھاسى ئاسىيا بازىرى ۋاقتىدا تەڭپۇڭ بولمىدى، بۇنىڭ ئىچىدە برنت قەرەللىك نېفىت باھاسى تۆۋەنلىدى، بىراق ئامېرىكا قەرەللىك نېفىت باھاسى ئۆرلىدى. بىراق بۇ نېفىت باھاسىنىڭ ئالتە ھەپتىدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم كۆرۈلگەن تۆۋەنلەش بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، ئامېرىكا نېفىت تەمىنلەش ئەھۋالىنىڭ چوڭ كۆلەمدە ئۆرلىشى ئېلىپ كەلگەن ئەندىشە، بازارنىڭ يېقىنقى ئۆسۈش يۆلۈنىشىگە بېسىم ئېلىپ كەلدى.

جۈمە كۈنى برېنت قەرەللىك نېفىت باھاسى 0.25% تۆۋەنلەپ 61.20 دوللار\باك بولدى، ئامېرىكا WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى 0.3% ئۆرلەپ 55.50 دوللار\باك بولدى.

يۇقىرىقى ئىككى مەزمۇندا كۆرستىلىشىچە نېفىت ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئىككى يىللىق يۇقىرى ئورۇندىن تۆۋەنلىگەن، چۈنكىئالامەتلەردىن كۆرسۈتىلىشىچە، ئامېرىكا نېفىت تەمىنلەش ئەھۋالى يۇقىرى كۆتىرىلىپ، بۇ ئەھۋالنىڭ نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر OPEC تەشكىلاتىنىڭ نېفىت بازىرىدىكى نېفىت تەمىنلەش ئېلىپ كەلگەن تىرىشچانلىقىنى يوققا چىقاردى. برېنت قەرەللىك نېفىت باھاسى بۇ ھەپتە 3.4% تۆۋەنلىشى مۇمكىن، ئامېرىكا WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى 2.5% تۆۋەنلىشى مۇمكىن.

ئالدىنقى نەچچە ئايدا، نېفىت بازىرى ئىزچىل نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى OPEC ۋە OPEC ئەزا بولمىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارغان نېفىت ئىشلەپ چىقىرىش مىقدارىنى كېمەيتىش ھەرىكىتىنىڭ تىرەشىگە ئۇچراۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نېفىت بازىرىمۇ فوند توختامى بىلەن نېفىت ئۆسۈش مېلىغا تىرەش ئېلىپ كەلدى،

چۈنكى پۈتتۈن دۇنيادىكى نېفىت تەمىنلەش ئەھۋالىنى تارايتىش نېفىت بازىرىنىڭ ياخشى بولغان كەلگۈسىنى پەيدا قىلدى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە ق


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.