خەلقئارا نېفىت باھاسى ئۆسۈش يۆنىلىشىنى ئاساس قىلدى

kudret 2017-09-21 19:14:13

\

چارشەنبە كۈنى 9)‏-ئاينىڭ20‏-كۈنى( خەلقئارا نېفىت باھاسى 2% ئەتراپىدا ئۆرلىدى ، گەرچە ئامېرىكا ئالدىنقى ھەپتىلىك نېفىت زاپاس مىقدارىنىڭ كۆپىيىشى مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ ، ئېراق نېفىت مىنىستىرىنىڭ نۇتىقى نېفىت باھاسىغا تىرەش ئېلىپ كەلدى ، نېفىت بازىرى 13‏-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ بولغان ئۈچۈنجى پەسىللىك ئۆسۈش نىسبىتى ئۈمىدىنى پەيدا قىلدى. ئامېرىكا WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى يۇقىرى باھا 51.09 دوللار\باك بولدى ، برېنت قەرەللىك نېفىت باھاسى يۇقىرى باھا 56.48 دوللار\باك بولدى .

خەلقئارا نېفىت باھاسى بۇ پەسىلدە 16% ئەتراپىدا ئۆرلەپ ، 2004‏-يىلىدىن كېيىن ئەڭ چوڭ بولغان ئۈچىنچى پەسىللىك ئۆسۈش نىسبىتىنى يارىتىش ئۈمۈدىنى پەيدا قىلدى .

ئامېرىكا ئېنىرگىيە مەھكىمىسى EIA نىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق ئۇچۇر مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە ، ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا نېفىت زاپاس مىقدارى چوڭ كۆلەمدە كۆپەيگەن ، چۈنكى ئېنپورت ۋە نېفىت مەھسۇلات مىقدارى قارا بوران تەسىرى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى . ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا نېفىت زاپاس مىقدارىنىڭ

كۆپۈيۈۋاتقىنىنىڭ ئۈچۈنجى ھەپتىسى بولڭپ قالدى ، كۆپۈيىشى مۆلچەردىكىدىن 1 مىليون باكتىن ئېشىپ كەتتى .

Interfax Energy نوپۇزلۇق ئېنېرگىيە ئانالىزچىسى Abhishek Kumar نىڭ دېيىشىچە :" قارا بوران خارۋېنىڭ كېيىنكى تەسىرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى ، بىز بۈگۈنلا ئامېرىكا ئالدىنقى ھەپتىلىك نېفىت زاپاس مىقدارىنىڭ كۆپۈيىشىنىڭ مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۇق . بىراق بۇ ئەھۋالنىڭ نېفىت ئۆسۈش مېلىنىڭ ئۈمۈدۋار كەيپىياتىغا ئېلىپ كەلگەن تەسىرى يەنىلا چەكلىك بولۇپ قالدى ".

يەنە بىر تەرەپتىن ، ئامېرىكا ئالدىنقى ھەپتىلىك بېنزېن زاپاس مىقدارى تەخمىنەن 210 مىليون باك ئازايغان ،

مۆلچەردىكىگە ئوخشاش بولغان ، بىراق چەكلەنگەن ماي زاپاس مىقدارى تەخمىنەن 5 مىليون 700000 مىڭ باك ئەتراپىدا تۆۋەنلەپ ، 2011‏-يىلى 11‏-ئايدىن بۇيانقى ئەڭچوڭ بولغان ھەپتىلىك چۈشۈشنى پەيدا قىلدى . \

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.