بۇ يىل كۆمۈر باھاسى %6 ئۆسىدۇ

gulbostan 2017-04-28 10:16:04

\

دۇنيا بانكىسى بېيجىڭ ۋاقتى 27-ئاپرېل "مىقدارلاشقان تاۋار بازىرىغا نەزەر" نى ئېلان قىلىپ، مۆلچەردە2017-يىلى سانائەت مىقدارلاشقان تاۋارىنىڭ باھا يۈزلىنىشى ئۆسىدۇ دەپ قارىغان. ئېنىرگىيە تۈرىدىكى مىقدارلاشقان تاۋار باھاسى "تەبئىي گاز ۋە كۆمۈر باھاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ" مۆلچەردە بۇ يىل %26 ئۆسىدۇ، 2018-يىلى %8 ئۆسىدۇ. نېفىت باھاسى مۆلچەرى بىلەن بىردەك، تەبئىي گاز باھاسىنىڭ ئامېرىكىدىكى ئۆسۈشى ئاستىدا، مۆلچەردە بۇ يىل %15 ئۆسىدۇ.

يەرشارى كۆمۈر باھاسى مۆلچەردە 2017-يىلى %6 ئۆسىدۇ، سەۋەبى بولسا بۇنىڭدىن بۇرۇنراق ۋاقىتتىكى جۇڭگونىڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشقا قارىتا چەكلىمە قويۇشى ئىكەن. جۇڭگونىڭ كۆمۈر ئىستىمال مىقدارى دۇنيا ئومۇمى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ يېرىمىنى ئىگەللەيدۇ. بۇ يىل خام نېفىت باھاسىنىڭ ھەرباكى 55 دوللارلىق پەرەز ئۆزگەرمەيدۇ، مۆلچەردە 2018-يىلى ئۆسۈپ ئوتتۇرچە ھەرباكى 60 دوللارغا چىقىدۇ. ئوپىك ۋە ئوپىكقا ئەزا بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش قوللىشى ئاستىدا، نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشى بازاردا تەدىرىجىي تەڭپۇڭلۇقنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ناۋادا ئامېرىكىنىڭ سىلانتىس مېيى كەسپىنىڭ ئېشىش دەرىجىسى مۆلچەردىكىدىن چوڭ بولسا، بۇ نېفىت باھاسى مۆلچەرلىرىدە يەنىلا تۆۋەنلەش خەۋىپى بولىدۇ.

ئېنىرگىيە تۈرى بولمىغان مىقدارلاشقان تاۋار، يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتى، ئوغۇت ۋە مىتال كان مەھسۇلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مۆلچەردە 2017-يىلى باھادا بەش يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئۆسۈش پەيدا بولىدۇ. مىتال باھاسى مۆلچەردە بۇ يىل %16 ئۆسىدۇ، سەۋەبى ئېھتىياج ئاشتى، بولۇپمۇ جۇڭگونىڭ ئېھتىياجى ئالاھىدە ئاشتى، ھەم چىلى، ھىندىنوزىيە ۋە پىرۇ قاتارلىق دۆلەتنىڭ مىتال كېنى ئاۋارىچىلىققا ئۇچراش قاتارلىق سەۋەب تەمىنلەشنىڭ جىددىيلىشىشىنى پەيدا قىلدى.

چوڭ تىپتىكى مىتال كېنىدا پەيدا بولغان ئىش تاشلاش ۋە توختام تالاش-تارتىشى بەس-بەستە مىس باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بىراق، ئاساسىي ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئۆستۈرۈپ تەڭشىلىشى ۋە خەۋپتىن دالدىلىنىپ بۇلاپ سېتىۋېلىش دولقۇنىنىڭ چېكىنىشىگە ئەگىشىپ، مىتال باھاسى مۆلچەردە بۇ يىل كېلەر يىلى ئىككى يىلدا ئايرىم-ئايرىم %1 چۈشىدۇ.

ئېنىرگىيە تۈرى بولمىغان مىقدارلاشقان تاۋار ئىچىدە، مۆلچەردە دانلىق زىرائەتنىڭ باھاسىنىڭ چۈشۈش تەسىرى مايلىق زىرائەت ۋە يىرىك ئۇن قاتارلىق خام ئەشيا باھاسىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن يىيىشىپ كېتىدۇ، چۈنكى يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلات باھاسى كۆرسەتكۈچى ئومۇمى جەھەتتىن بۇ يىل تۇراقلىقلىقنى ساقلاپ قالىدۇ دەپ مۆلچەرلەنگەن.

قەھۋە، كولا ۋە چاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىچىملىك ماتىرىيالىنىڭ تەمىنلەش مىقدارى مۆلچەردىكىدىن چوڭ بولغانلىقتىن، مۆلچەردە 2017-يىلى باھانىڭ چۈشۈشى %6 دىن ئېشىپ كېتىدۇ. يېزا ئىگىلىك خام ئەشيا باھاسى مۆلچەردە %4 ئۆسىدۇ. ئېرنىنو ۋە لانىنا ھادىسىسىنىڭ ئاياقلىشىشى، 2017-2018-يىللىق يېزا-ئىگىلىك مىقدارلاشقان تاۋار مۆلچەر باھاسىغا قارىتا ئۆسۈش خەۋىپى چەكلەش رولى ئوينايدۇ.

ئەسكەرتىش:مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۆچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.