قەرەللىك مال بازار ئەھۋالى

ilkan_4 2022-12-19 17:52:36

\

ياۋروپا تەبىئىي گاز قەرەللىك مال باھاسى ياۋروپا ئىتتىپاقى يىغىنىدىن بۇرۇن داۋالغۇپ تۇراتتى، يىغىندا تەبىئىي گازنىڭ يۇقىرى چېكى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ، بۇ يۇقىرى چەك ئەسلىدىكى تەكلىپتىن ئۈچتىن بىر قىسىم تۆۋەن. ياۋروپادا ئۆلچەملىك تەبىئىي گاز قەرەللىك مېلى دۈشەنبە كۈنى بىر مەھەل %3 تۆۋەنلىدى، ئارقىدىن ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %1.3 ئۆرلىدى. ھازىرقى باھا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن سەل تۆۋەن، لېكىن يەنىلا بەش يىللىق ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن ئۈچ ھەسسىگە يېقىن يۇقىرى. نەچچە ئاي مۇنازىرە قىلىش ئارقىلىق، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان بىر تۈرلۈك تەكلىپنىڭ قاتمال ھالىتىنى بۇزۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، بۇ تەكلىپنىڭ مەقسىتى تارىخىي خاراكتېرلىك ئېنېرگىيە كرىزىسىنىڭ تەسىرىنى توسۇش. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى چېخ يۇقىرى چېكىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئالدىنقى ئايدا ئوتتۇرىغا قويغان 275 ياۋرو/مېگاۋات سائەتتىن 188 ياۋرو/مېگاۋات سائەتكە چۈشۈرۈش تەكلىپىنى بەردى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.