قەرەللىك مال بازار ئەھۋالى

ilkan_4 2022-12-15 18:12:24

\

خام نېفىت ئىشلەپ چىقىرىش مۇقىم ئاشتى، ئىمپورت تېز ئېشىشنى ساقلىدى. 11-ئايدا ئىشلەپ چىقىرىلغان نېفىت 16 مىليون 780 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.9 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.4 تېز بولۇپ، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە مەھسۇلات مىقدارى 559 مىڭ توننىغا يەتتى. ئىمپورت قىلىنغان نېفىت 46 مىليون 740 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.8 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن 2.3 پىرسەنت پوئېنت ئاستىلىغان. 1-ئايدىن 11-ئايغىچە ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىت 187 مىليون 770 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3 ئاشتى. ئىمپورت قىلىنغان نېفىت 460 مىليون 260 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.4 تۆۋەنلىگەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.