مورگان سىتانلى برېنت خام نېفىت 2023 - يىلى 110 دوللار سەۋىيەگە ئۆرلەيدۇ دەپ قارىغان

ilkan_3 2022-12-15 13:11:52

\

ئۇنىڭ مۆلچەرلىشىچە برېنت خام نېفىتىنىڭ باھاسى 2023-يىلى ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 110 دوللار ئەتراپىدا ئۆرلەيدىكەن ، سەۋەبى شۇكى ، ئېھتىياجنىڭ ئېشىشى ۋە تەمىنلەش سىجىل جىددىي بولىشى نېفىت باھاسىغا تىرەك بولدىكەن.

مورگان سىتانلى ئامېرىكا مەبلەغ سېلىش بانكىسى دوكلاتىدا: « مەبلەغ سېلىش سەۋىيەسى تۆۋەن بولغانلىقتىن تەمىنلەش چەكلىمىگە ئۇچرىغان ، روسىيە خەۋپ – خەتەرگە دۇچ كەلگەن ، ستراتېگىيىلىك نېفىت زاپىسى (SPR) نى قويۇپ بېرىش ئاخىرلاشقان ھەمدە ئامېرىكىنىڭ سىلانېتس مېيى ئاستىلىغان ئەھۋالدا ، بىز ماي باھاسىغا ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتىمىز ، چۈنكى ئېھتىياج ئەسلىگە كەلدى دېگەن.

OPEC ۋە خەلقئارا ئېنېرگىيە مەھكىمىسى (IEA) نىڭ ھەممىسى كېلەر يىللىق ئېھتىياجنىڭ قايتا باشلىنىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەندىن كېيىن ، ماي باھاسى چارشەنبە كۈنى ئۆرلىگەن. مەزكۇر بانكا يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: بىرىنچى پەسىل ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن ، ماكرو ئىگىلىكتىكى پايدىسىز ئامىللار بازارنىڭ تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش ھالىتىگە كىرىشىگە تۈرتكە بولىدۇ ، باھانى تىزگىنلىشى مۇمكىن.

بىراق مورگان سىتانلىنىڭ نېفىت تاكتىكىچىسى Martijn Rats بازار ئىككىنچى پەسىلدە تەڭپۇڭلۇقنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ ، ھەمدە 2023-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا يەنىمۇ چىڭىتىلىدۇ دەپ قارىغان. ئامېرىكىنىڭ تەبىئىي گازىغا نىسبەتەن، مەزكۇر بانكا كېلەر يىللىق يېڭى تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئېشىپ كەتتى، بۇنىڭ بىلەن تەمىنلەش تېخىمۇ كەڭتاشا بولۇپ ، قىش پەسلىدىن كېيىنكى باھانىڭ تۆۋەنلەش خەۋپ - خەتىرىنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن دەپ قارىغان.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.