قەرەللىك مال بازار ئەھۋالى

ilkan_4 2022-12-13 17:09:53

\

ھازىر بازار ئېھتىياجى تەدرىجى ئاجىزلاۋاتىدۇ، ھاۋارايى ئامىلىنىڭ تەسىرىدە، شىمالدىكى بىر قىسىم قۇرۇلۇش تۈرلىرى ئاخىرلاشتى، جەنۇبتىكى بىر قىسىم قۇرۇلۇش تۈرلىرى ئەمدىلا قوللاشقا مۇھتاج بولغاچقا، شىمالدىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتىدا باھانى چۈشۈرۈپ مال چىقىرىش ئەھۋالى كۆرۈلدى، شىمالدىكى مال مەنبەسى تەدرىجى جەنۇبقا قاراپ ئاقتى. بەيچۈەن يىڭفۇ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 12-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە، مەملىكەت بويىچە ئاسفالت تاۋلاش زاۋۇتلىرىنىڭ ئىش باشلاش نىسبىتى %39.25 ئەتراپىدا بولۇپ، ئاسفالت بىلەن تەمىنلەش تەدرىجىي تارايغان. بۇ ھەپتە مەملىكەت بويىچە ئاسفالت تاۋلاش زاۋۇتلىرىنىڭ ئامبار زاپىسى نىسبىتى تەخمىنەن %34.34 بولۇپ، ئېھتىياجنىڭ يېتىشمەسلىكى ئامبار زاپىسىنىڭ تەدرىجىي ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شىمالىي جۇڭگو، شەرقىي جۇڭگو قاتارلىق رايونلاردا ئاسفالت مەھسۇلاتى تەدرىجىي كېمىيىپ، قالدۇق ماي ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئېشىپ، ئاسفالت بازىرىدا تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج داۋاملىق ئاجىزلاپ كېتىشى مۇمكىن. ھازىر بازار تەدرىجى قىشلىق زاپاس ساقلاش باسقۇچىغا كىردى، ئەمما يۇقىرى ئېقىندىكى نېفىت باھاسىنىڭ داۋالغۇشىنىڭ تەسىرىدە، ئاسفالتنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى مال ئېلىش بىر قەدەر ئاددىي بولۇپ، ئاساسلىقى قاراپ بېقىش ئاساس قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.