قەرەرلىك مال يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى

ilkan_5 2026-08-28 12:43:39

\

پاختا باھاسى دۆلەت ئىچىدىكى ئېھتياجغا دىققەت قىلىش كېرەك

دۆلەت ئىچىدىكى پاختا نەق مال ئەھۋالى:TTEB ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، پاختا نەق سودىسىنىڭ كۆپىنچىسى يەنىلا سۇس بولۇپ، توقۇمىچىلىق كارخانىلىرى مۇتلەق ئېھتىياجدا سېتىۋېلىشنى ئاساس قىلغان. پاختا نەق مالنىڭ سېتىلىشتىكى ئاساسىي پەرقى مۇقىم بولغان. 2025/26 شىمالىي شىنجاڭدا ماشىنىدا يىغىۋېلىندىغان 29/3129 B ئارلاشما قىممىتى3 ئىچىدە بىرقەدەر كۆپ سېتىلغان ئاساسىيCF 01+1300 ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان، ئاز مىقداردىكى ئوخشاش سۈپەتلىكلىرىنىڭ تۆۋەن باھاسى 1200~1300 ئارلىقىدا بولۇپ، ئاندا-ساندا 1200 دىن تۆۋەن بولغان، سۇس داغلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان، شىنجاڭدا ئۆزى ئېلىۋالىدۇ. ئوخشاش سۈپەتتىكى جەنۇبىي شىنجاڭدىكىسى 600+01 CFھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان.

دۆلەت ئىچىدىكى پاختا توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى:TTEB ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ساپ پاختا يىپ بازىرىدا ئومۇمىي پۈتۈشۈش كەيپىياتى جانلانغان، شىنجاڭ رايونىدا زاكاز ئىمزالاش بىرقەدەر ياخشى بولۇپ، داگۇاڭ شىركىتى ئومۇميۈزلۈك ھالدا بىر ئاي ئەتراپىدا زاكازنى ساقلاپ قالغان،ھەمدە ھەر توننىسىنىڭ باھاسى ئالدىنقى ھەپتىدىكىدىن 200 يۈەندىن 300 يۈەنگىچە ئۆسكەن، ئامبار زاپىسىنى تۈگىتىش بىرقەدەر راۋان بولماقتا. ئىچكى رايوننىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈش نىسبىتى كىچىك نىسبەتتە ئۆرلەپ، قىسمەن تۈرلەردە زاكاز تىزىلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن، لېكىن ئامبار زاپىسىنى تۈگىتىش رىتىمى شىنجاڭنىڭكىدىن ئاستا بولۇپ، يىپ باھاسىنىڭ ئۆرلەش سالمىقى چەكلىك بولغان. بازاردىكى سودىنىڭ جانلىنىش دەرىجىسى ئېشىپ، تۆۋەن ئېقىندىكى زاكازلارنىڭ سىجىللىقىغا دىققەت قىلىندىكەن.

ئامېرىكا پاختىسىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى:تۈنۈگۈن ICE پاختا قەرەللىك مېلى زور دەرىجىدە ئۆرلەپ، ئۆرلەش نىسبىتى % 3 تىن ئاشقان، قۇرغاقچىلىق، بالدۇر نازارەت قىلىش-كونترول قىلىشتا كۆرسىتىلىشىچە، 8-ئاينىڭ25-كۈنىگىچە، ئامېرىكا پاختا ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايونلارنىڭ D 1-D 4 قورغاق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، بالدۇر ئىشلەپچىقىرىش رايونى كۆپىيشى % 52 كە يەتكەن، ئالدىنقى بىر ھەپتىدە % 44، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدە % 30 بولغان، بازارنىڭ ئامېرىكا پاختا مەھسۇلات مىقدارىدىن ئەندىشە قىلىشى ICE پاختا زاكاز مېلىنىڭ ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولغان.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.