قەرەرلىك مال يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى

ilkan_5 2026-07-30 15:38:00

\

قىچا يېغىنىڭ نەق مال باھاسى ئۆرلىدى

7-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى خەۋەرگە قارىغاندا،جېڭجوۋ سودا ئورنىنىڭ قىچا يېغى 2609 توختامىنىڭ بازار يېپىلغاندىكى باھاسى ھەر توننىسىنىڭ 10175 يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن ھەر توننىسىنىڭ باھاسى 226 يۈەن ياكى 2.27 ئۆرلىگەن، ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ھەر توننىسىنىڭ باھاسى 138 يۈەن ياكى 1.37 ئۆرلىگەن. بۇ ھەپتە دۆلەت ئىچىدىكى قىچا يېغى نەق مال باھاسى ئۆرلەپ، بۇ ھەپتىدە قىچا يېغى بازىرىنىڭ ئاساسىي تەرىپىدە ۋاقتىنچە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولمىغان، قەرەللىك مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنىڭ تەسىرىدە، نەق مال باھاسى باھاغا ئەگىشىپ ئۆرلەپ، ئاساسىي پەرق باھاسى بېسىم ئاستىدا تۆۋەنلىگەن. 7 ـ ئاينىڭ30 ـ كۈنى، دېڭىز بويى رايونلىرىدا دۆلەت ئۆلچىمىدىكى 3 ـ دەرىجىلىك قىچا يېغىنىڭ ھەر توننىسىنىڭ نەق مال باھاسى 10 مىڭ 270 يۈەندىن 10 مىڭ 590 يۈەنگىچە بولغان، قىسمەن رايونلاردا ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ھەر توننىسىنىڭ باھاسى 80 يۈەندىن 100 يۈەنگىچە ئۆرلىگەن؛ نەق مال ئاساسىي پەرق باھاسى ھەر توننىسىنىڭ باھاسى 180 يۈەندىن 500 يۈەنگىچە بولغان، قىسمەن رايونلاردا ھەر توننىسىنىڭ باھاسى 20 يۈەندىن 100 يۈەنگىچە چۈشكەن.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.