قەرەرلىك مال يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى

ilkan_5 2026-07-03 13:16:04

\

7-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى خەۋەردە، تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا، 6-ئايدىن بۇيان، شىنجاڭ ئىچىدىكى توقۇمىچىلىق زاۋۇتلىرىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈش نىسبىتى % 90 نى ساقلىغان بولۇپ، پاختا يىپنىڭ ئامبارغا جۇغلىنىپ قېلىش نىسبىتى بىرقەدەر تۆۋەن سەۋىيەدە تۇرغان، پاختا سودا ئامبار زاپىسىنى «تۈگىتىش»سۈرئىتى كەسىپتىكى كاسات پەسىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان، پاختا كارخانىلىرى، توقۇمىچىلىق زاۋۇتلىرىنىڭ 2026/27-يىللىق يېڭى پاختا تۈركۈملەپ بازارغا سېلىنىشتىن ئىلگىرى شىنجاڭنىڭ پاختا تەمىناتىنىڭ جىددىيلىشىشىگە بولغان ئەندىشىسى داۋاملىق كۈچەيگەن.

1.شىمالىي شىنجاڭدىكى شىخەنزە، سانجى، كۈيتۈن ھەم جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كېۋەز رايونلىرىنى تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا، 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا كېۋەز ئومۇمىي جەھەتتىن دەسلەپكى چېچەكلەش مەزگىلىگە كىرگەن ،5-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ھاۋارايى ئامىلى تۈپەيلىدىن كېۋەز تۈپىنىڭ غوزا تارماق سانى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن سەل ئاز بولغان، بىر قىسىم كېۋەزلىكلەردە غوزالاش كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان. كېۋەز تېرىشقا ماس كەلمەيدىغان بىر قىسىم رايونلار، تۆۋەن ھوسۇللۇق كېۋەز رايونلىرىدا سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇنى كونترول قىلىشنىڭ تەسىرىدە، تۇنجى قېتىملىق سۇغىرىش ۋاقتى بىرقەدەر كېيىن بولۇپ، كېۋەز تۈپىنىڭ غوزا سانى سەل ئاز بولسىمۇ، لېكىن مۇددەتتىن بۇرۇن چېچەكلەش ئەھۋالى كۆرۈلگەن، تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار پاختىنىڭ بىرلىك ھوسۇلىدىن سەل ئەندىشە قىلغان. ئۆسۈش دەۋرىيلىكىدىن قارىغاندا،7-ئاينىڭ باشلىرى، ئوتتۇرىلىرىدا پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى چوڭ كېۋەزلىك رايونلىرىدا كەينى-كەينىدىن ئۇچى ئۈزۈلۈش بىلەن بىللە، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىمۇ بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدىكەن.

2.شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى ئېلان قىلغان ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە پۈتۈن شىنجاڭ 35 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىنى كۈتۈۋالىدىكەن، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيەلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك تارماقلىرى بەس-بەستە كېۋەزنىڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا، ئىسسىقلىق زىيىنى خەۋپ-خەتىرىدىن ئالدىن سىگنال بەرگەن بولۇپ. ھازىر پۈتۈن شىنجاڭدا كېۋەز چېچەكلەپ غوزىلاشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرغان، سىجىل يۇقىرى تېمپېراتۇرا گۈل چېڭىنىڭ تۇتۇلۇشى، چېچەكلەرنىڭ تۆكۈلۈپ كېتىشى ھەم غوزىلاش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، شۇڭا ئېتىزلارنى چارلاپ تەكشۈرۈش، پەرۋىش قىلىشنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، ئاز مىقداردا يۇقىرى چاستوتىلىق سۇغىرىش ھەم مۇۋاپىق پەيتتە خىمىيەلىك كونترول قىلىپ، غوزەكنىڭ تۆكۈلۈپ كېتىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇشقا توغرا كېلىدىكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.