قەرەرلىك مال يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى

ilkan_5 2026-05-04 11:19:00

\


دۆلەت ئىچىدىكى پۇرچاق يېغىنىڭ باھاسى ئۆرلىدى

يېقىنقى خەۋەرگە قارىغاندا، تۈنۈگۈن دۆلەت ئىچىدىكى پۇرچاق يېغى قەرەللىك مال باھاسى بازار يېپىلغاندا ئۆرلىگەن. جۇغراپيىلىك ۋەزىيەتىنىڭ داۋاملىق كەسكىنلىشىپ، خەلقئارا ئېنېرگىيە باھاسى زور دەرىجىدە ئۆرلەپ، دۆلەت ئىچىدىكى پۇرچاق يېغى قەرەللىك مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولغان.يېقىندا، داشاڭ سودا ئورنىنىڭ پۇرچاق يېغى 2605 ئاساسىي توختامىنىڭ ھەر توننىسىنىڭ بازار يېپىلغاندىكى باھاسى 8350 يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن ھەر توننىسىنىڭ باھاسى 90 يۈەندىن% 1.09 ئۆرلىگەن، ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ھەر توننىسىنىڭ باھاسى 210 يۈەندىن % 2.58 ئۆرلەپ، بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. دۆلەت ئىچىدىكى پۇرچاق يېغىنىڭ ئاساسىي پەرقلىق باھاسى چۈشۈپ، نەق مال باھاسى ئەگىشىپ ئۆرلىگەن.يېقىنقى مەزگىلدە پۇرچاق يېغىنىڭ قەرەللىك باھاسى خەلقئارا نېفىت باھاسىغا ئەگىشىپ سىجىل ئۆرلەپ، ئاساسىي پەرق بېسىمى ئاستىدا تۆۋەنلىگەن؛ نەق مال بازىرىدا سېتىۋېلىش-سېتىش سۇسلىشىپ، ئامبار زاپىسىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى چەكلىك بولۇپ، باھا ئەگىشىپ داۋالغۇپ تۇرغان.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.