قەرەرلىك مال يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى

ilkan_5 2026-04-20 15:56:47



\

كۆممىقوناقنىڭ باھاسى ئۆرلىدى


4-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى خەۋەرگە قارىغاندا، 4-ئاينىڭ 20-كۈنى مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرىچە باھا ئومۇمىي جەھەتتىن ئازراق ئۆرلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن، قىسمەن رايونلاردا داۋالغۇش دائىرىسى تارىيىپ، داۋالغۇپ تۇرغان رايونلار ئازايغان. دۆلەت ئىچىدىكى كۆممىقوناق نەق مال باھاسى يۇقىرى پەللىگە يېتىپ، ئاشلىق ئىلكىدىكى سۇبيېكىتلارنىڭ مال سېتىش ئارزۇسى ئېشىپ، ئاشلىق مەنبەسى ئوبوروتى سەل جىددىي بولۇش ۋەزىيىتى پەسەيگەن، ئاشلىق ئىشلىتىدىغان كارخانىلارنىڭ كۆممىقوناق ئامبار زاپىسى ئاستا-ئاستا ئۆرلەش ھالىتىدە تۇرغان بولۇپ، پايدىسى سىجىل زىيان تارتقان، يۇقىرى باھالىق كۆممىقوناقنى قوبۇل قىلىش دەرىجىسى چەكلىك بولۇپ، سېتىۋېلىش باھاسى يۇقىرى پەللىدە تەرتىپكە سېلىنغان. 3-ئايدا، جۇڭگونىڭ كونىراپ كەتكەن كۆممىقوناق ئامبار زاپىسى ، باقمىچىلىق ۋە يەم-خەشەك ئىشلەپچىقىرىشقا كېرەكلىك كۆممىقوناقنىڭ مىقدارى داۋاملىق تۆۋەنلەيدىكەن، ئاساسىي قاتلامدىكى كونىراپ كەتكەن كۆممىقوناقنىڭ تەدرىجىي تېگى كۆرۈلىدىكەن، بازاردىكى ئوبوروت ئاشلىق مەنبەسى يەنىمۇ جىددىيلىشىدىكەن ،يېڭى پەسىلدىكى كۆممىقوناقنىڭ سۇ تەركىبى داۋاملىق تۆۋەنلەپ، تەدرىجىي ھالدا سۇبيېكىتنى تەمىنلەيدىغان مال مەنبەسىگە ئايلانغان، جۇڭگو زاپاس ئاشلىق باشقۇرۇش گۇرۇھى كۆممىقوناقنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش رىتىمىنى ئىگىلەپ، بازار بېسىمىنى پەسەيتىپ، گىرەلەشمە زاپاس ساقلاش، ئامبارنى تولۇقلاش بىلەن بىللە ئالغا سىلجىتىش
كۆممىقوناق بازىرى باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا داۋاملىق ئاكتىپ رول ئوينىغان. ئېھتىياج تەرەپتىكى باقمىچىلىق ۋە يەم-خەشەك ئىشلەپچىقىرىشتا خورايدىغان كۆممىقوناق داۋاملىق تۆۋەنلەيدىكەن، لېكىن يېڭىدىن كۆپەيگەن سېتىۋېلىش ئېھتىياجى تەدرىجىي ئاشىدۇ، يەم-خەشەك كارخانىلىرى ئامبار زاپىسىنى داۋاملىق خورىتىپ ئاساس قىلىدۇ، زۆرۈر ئېھتىياج بويىچە ئامبارنى تولۇقلاش ئېھتىياجى سەل ئاجىز بولىدىكەن، 4-ئاي مەزگىلىدە كۆپ ساندىكى ۋاقىتتا ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدىكى كۆممىقوناق نەق مال سودا باھاسىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملىق ئىچىدە سەل كۈچلۈك بولۇش يۈزلىنىشىنى ئاساس قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ تېخىمۇ چوڭ بولىدىغانلىقىغا ئالدىن ھۆكۈم قىلىندى.4-ئايدا ئايلىق ئوتتۇرىچە باھانىڭ سېلىشتۇرما نىسبىتى داۋاملىق ئۆرلەش نىسبىتى يەنىلا يۇقىرى بولدىكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.