قەرەرلىك مال يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى

ilkan_5 2026-03-04 17:09:54

\

دۆلەت ئىچىدىكى پۇرچاق يېغىنىڭ باھا پەرقى تۆۋەنلىدى

3-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى خەۋەرگە قارىغاندا، تۈنۈگۈن دۆلەت ئىچىدىكى پۇرچاق يېغى قەرەللىك مال باھاسى بازار يېپىلغاندا ئۆرلىگەن. جۇغراپيىلىك ۋەزىيەتىنىڭ داۋاملىق كەسكىنلىشىپ، خەلقئارا ئېنېرگىيە باھاسى زور دەرىجىدە ئۆرلەپ، دۆلەت ئىچىدىكى پۇرچاق يېغى قەرەللىك مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولغان. 3-ئاينىڭ 3-كۈنى، داشاڭ سودا ئورنىنىڭ پۇرچاق يېغى 2605 ئاساسىي توختامىنىڭ ھەر توننىسىنىڭ بازار يېپىلغاندىكى باھاسى 8350 يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن ھەر توننىسىنىڭ باھاسى 90 يۈەندىن% 1.09 ئۆرلىگەن، ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ھەر توننىسىنىڭ باھاسى 210 يۈەندىن % 2.58 ئۆرلەپ، بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. دۆلەت ئىچىدىكى پۇرچاق يېغىنىڭ ئاساسىي پەرقلىق باھاسى چۈشۈپ، نەق مال باھاسى ئەگىشىپ ئۆرلىگەن.يېقىنقى مەزگىلدە پۇرچاق يېغىنىڭ قەرەللىك باھاسى خەلقئارا نېفىت باھاسىغا ئەگىشىپ سىجىل ئۆرلەپ، ئاساسىي پەرق بېسىمى ئاستىدا تۆۋەنلىگەن؛ نەق مال بازىرىدا سېتىۋېلىش-سېتىش سۇسلىشىپ، ئامبار زاپىسىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى چەكلىك بولۇپ، باھا ئەگىشىپ داۋالغۇپ تۇرغان. 3-ئاينىڭ 3-كۈنى، دېڭىز بويى رايونلىرىدا دۆلەت ئۆلچىمىدىكى 1-دەرىجىلىك پۇرچاق يېغىنىڭ ھەر توننىسىنىڭ باھاسى 8520 يۈەندىن 8840 يۈەنگىچە بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ھەر توننىسىنىڭ باھاسى 40 يۈەندىن 160 يۈەنگىچە ئۆرلىدى؛ نەق مال ئاساسىي پەرقى بويىچە مەلۇم قىلىنغان ھەر توننا Y 2605+230 يۈەندىن 500 يۈەنگىچە بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ھەر توننىسىنىڭ باھاسى 20 يۈەندىن 140 يۈەنگىچە تۆۋەنلىگەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.