قەرەرلىك مال يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى

ilkan_5 2026-02-26 16:28:54

\

چوشقا گۆشىنىڭ باھاسى تۈنۈگۈنكىدىن% 0.5 تۆۋەنلىدى

يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ كۆزىتىپ ئۆلچىشىگە ئاساسلانغاندا، 2-ئاينىڭ 26-كۈنى «يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ توپ سېتىلىش باھاسى 200 كۆرسەتكۈچى»127.07 بولۇپ، تۈنۈگۈنكىدىن 0.70 نۇقتا تۆۋەنلىگەن، «كۆك-تاق»مەھسۇلاتلىرىنىڭ توپ سېتىلىش باھا كۆرسەتكۈچى 129.50 بولۇپ، تۈنۈگۈنكىدىن 0.82 نۇقتا تۆۋەنلىگەن. بۈگۈن سائەت 14:00 كىچە، مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ توپ سېتىلىش بازىرىدا چوشقا گۆشىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسىنىڭ ھەر كىلوگىرامى 17.93 يۈەن بولۇپ، تۈنۈگۈنكىدىن % 0.5 تۆۋەنلىگەن؛ تۇخۇمنىڭ ھەر كىلوگىرامى 7.75 يۈەن بولۇپ، تۈنۈگۈنكىدىن % 0.4 تۆۋەنلىگەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.