قەرەرلىك مال يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى

ilkan_5 2026-02-23 17:50:34

\

بايرام مەزگىلىدە قىش پەسلىدە ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش، ئىشلەپچىقىرىشقا چەك قويۇش پىلانى داۋاملىق داۋاملاشتۇرۇلدى

2 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنىدىكى خەۋەرگە قارىغاندا، غەربىي شىمال رايونىدىكى قۇرۇلۇش پولات ماتېرىياللىرى بازىرىنىڭ چاغان مەزگىلىدىكى نەق مال پۈتۈشۈشى ئاساسىي جەھەتتىن تىجارەت توختىتىش ھالىتىدە تۇرغان بولۇپ. ھەرقايسى رايونلاردىكى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنىڭ باھاسى بايرامدىن بۇرۇن ھەم رايون ئىچىدىكى پولات زاۋۇتلىرىنىڭ باھانى ئۆستۈرۈش ئارزۇسىنىڭ كۈچلۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولغان. ھەرقايسى جايلاردىكى بازارلاردا پۈتۈشۈش گەرچە بىرقەدەر ئاز بولسىمۇ، لېكىن بازار باھاسىدا سەل ئۆرلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن. ئىگىلىنىشىچە، بايرام مەزگىلىدە غەربىي شىمال قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى بازىرى ئەنئەنىۋى ئىستېمال كاسات مەزگىلىدە تۇرغاچقا، رايون ئىچىدىكى پولات زاۋۇتلىرى ئامبار زاپىسىنىڭ ئۆرلەش بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، بايرام مەزگىلىدە قىش پەسلىدە ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش، ئىشلەپچىقىرىشقا چەك قويۇش پىلانىنى داۋاملىق داۋاملاشتۇرغان، شۇڭا غەربىي شىمالدىكى ھەرقايسى پولات زاۋۇتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىش نىسبىتى يەنىلا تۆۋەن ئورۇندا ئايلىنىش ھالىتىنى ساقلىغان. بۇنىڭدىن باشقا،ئايرىم پولات زاۋۇتلىرىنىڭ قىشلىق زاپاس بايلىقنى ئارقا ـ ئارقىدىن تاپشۇرۇشى ۋە رايون ئىچىدىكى تۆۋەن ئېقىندا سېتىۋېلىشنىڭ توختاپ قېلىشىدەك قوش تەسىرگە ئەگىشىپ، بازاردىكى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ئامبار زاپىسى بايرامدىن بۇرۇنقىغا قارىغاندا داۋاملىق ئازراق ئاشتى، بازاردىكى ئامبار زاپىسى ۋاقتىنچە كونترول قىلغىلى بولىدىغان ھالەتتە تۇرماقتا. بايرامدىن كېيىنكى بازارغا قارىتا، ھەرقايسى سودىگەرلەر ئومۇميۈزلۈك ھالدا رايون ئىچىدىكى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى بازىرىدا داۋالغۇپ ئۆرلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، دەپ قارىدى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.