قەرەرلىك مال يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى

ilkan_5 2026-02-03 13:22:02

\

چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ياغ زاۋۇتلىرى ئومۇميۈزلۈك ئىشتىن توختايدىكەن

دۆلەت ئاشلىق-ياغ ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2-ئاينىڭ ئاخىرىدا ياغ زاۋۇتىدا پۇرچاق تىرىپى ئامبىرىدا 650 مىڭ توننا ئەتراپىدا ساقلىنىدىكەن
2 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنىدىكى خەۋەرگە قارىغاندا، 1 ـ ئاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ھەپتىسىدە دۆلەت ئىچىدىكى ياغ زاۋۇتلىرىنىڭ دادۇر ئېزىش مىقدارى 2 مىليون 300 مىڭ توننىلىق يۇقىرى پەللىگە يىتىپ، پۇرچاق تىرىپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ئاشقان، ئاي ئاخىرىدا پۇرچاق تىرىپىنىڭ ئامبار زاپىسى ئازراق ئۆرلەپ 900 مىڭ توننا ئەتراپىغا يەتكەن. چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ياغ زاۋۇتلىرى ئومۇميۈزلۈك ئىشتىن توختايدىكەن، مۆلچەرلىنىشىچە، 2 ـ ئايدا دادۇرنىڭ ئېزىلىش مىقدارى 5 مىليون 200 مىڭ توننا ئەتراپىغا تۆۋەنلەپ، پۇرچاق تىرىپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى 4 مىليون 100 مىڭ توننا ئەتراپىدا بولىدىكەن، بۇ بايرامدىن كېيىن ئامبارنى تولۇقلاشقا تۈرتكە بولىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن ئاي ئاخىرىدا پۇرچاق تىرىپىنىڭ ئامبار قالدۇقى 650 مىڭ توننا ئەتراپىغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.