قەرەرلىك مال يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى

ilkan_5 2026-01-30 13:27:16

\

تۆمۈر رۇدىسىنىڭ باھاسى ئازراق ئۆرلىدى

1-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى خەۋەرگە قارىغاندا، چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاسىيا سودا ۋاقتىدا، تۆمۈر رۇدىسىنىڭ قەرەللىك مال باھاسى ئازراق ئۆرلەپ، دەسلەپكى سودىدىكى داۋالغۇش ئىچىدە بىر مەھەل تۆۋەنلەش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتكەن. پولات-تۆمۈر زاۋۇتىنىڭ كاسات پەسىلگە كىرىشىگە ئەگىشىپ، تەھلىلچىلەر پولات تاۋلاش خام ماتېرىيالى بولغان تۆمۈر رۇدىسىغا بولغان تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنىڭ سۇسلىشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. ھالبۇكى، پولات-تۆمۈر بازىرىنىڭ ئومۇمىي ھەرىكەت ھالىتىنىڭ يەنىلا نىسبەتەن مۇقىم، ساغلام ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۈتكۈل كەسىپ زەنجىرىنىڭ يەنىلا پايدا ئېلىشنى ساقلاۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، تۆمۈر رۇدىسى باھاسىنىڭ تۆۋەنلەش بوشلۇقى چەكلىك دەپ قارىغان.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.