قەرەلىك مال يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى

ilkan_5 2026-01-27 15:46:52

\

پاختا باھاسىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆسۈشىدىكى سەۋەب نېمە؟

1-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋەرگە قارىغاندا، يېقىندا، دۆلەت ئىچىدىكى زاكاز مال باھاسى كۆرۈنەرلىك ئۆرلىگەن. بۇلتۇر 11-ئاينىڭ بېشىدىن ھازىرغىچە، ئاساسىي توختامنىڭ ھەر توننىسى 1100 يۈەنگە يېقىن ئۆرلەپ، ئۆرلەش نىسبىتى % 7 تىن ئاشقان. بۇ يىل 1-ئاينىڭ بېشىدا، ھەر توننىسىنىڭ باھاسى بىر مەھەل 15 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، يېقىنقى بىر يېرىم يىلدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتقان. زاكاز مال ئۆرلىگەن، نەق مالمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆرلىگەن، مەملىكەت بويىچە پاختىنىڭ ھەر توننىسىنىڭ ئوتتۇرىچە نەق مال باھاسى 1000 يۈەن ئەتراپىدا ئۆرلەپ، ئۆرلەش نىسبىتى % 7 كە يېقىنلاشقان. كەسپىي زاتلار مۇنداق دەپ قارىغان:بۇ قېتىم پاختا زاكاز مېلى ئۆرلىدى،بۇ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج، تەننەرخ ۋە بازار كۆزلىمىسى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ گىرەلىشىپ ئورتاق تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بازارنىڭ كېلەر يىللىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى تارايتىشقا بولغان كۆزلىمىسى قاتارلىق باشقا ئامىللارمۇ بازارنىڭ كېيىنكى بازارغا بولغان ئۈمىدۋار كەيپىياتىنى كۈچەيتتى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.