قەرەرلىك مال يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى

ilkan_5 2025-12-16 10:45:09

\

تۇخۇم باھاسى مۇقىم بولدى

12-ئاينىڭ 16-كۈندىكى خەۋەرگە قارىغاندا، ھازىر تۇخۇم مال مەنبەسى بىلەن تەمىنلەش ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدىكى ئامبار زاپىسى تۆۋەنلىگەن، ئۇنىڭدىن باشقا، نۆۋەتتە كونا توخۇلارنى شاللاش تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بايرامنىڭ يېقىنلىشىشى ئېلىپ كەلگەن زاپاس مال ئېھتىياجى كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن ئاخىرقى ئۇچتىكى ئەمەلىي ئىستېمالنىڭ ئەسلىگە كېلىشى چەكلىك بولۇپ، باھانىڭ يەنىمۇ ئۆرلىشىگە تىرەك بولۇش قېينلاشماقتا. مۆلچەرلىنىشىچە، يېقىنقى مەزگىلدە تۇخۇم باھاسى مۇقىم بولۇشنى ئاساس قىلىدىكەن، قىسمەن رايونلاردا تار دائىرىدە تەڭشىلىدىكەن. بۈگۈن ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونى بولغان شەندۇڭنىڭ تۇخۇم ئوتتۇرىچە باھاسىنىڭ ھەر كىلوگىرامى 6.15 يۈەن بولۇپ، تۈنۈگۈنكى باھا بىلەن تەڭلەشكەن؛ خېبېينىڭ تۇخۇم ئوتتۇرىچە باھاسىنىڭ ھەر كىلوگىرامى 5.80 يۈەن بولۇپ، تۈنۈگۈنكى باھا بىلەن تەڭلەشكەن؛ گۇاڭدۇڭنىڭ تۇخۇم ئوتتۇرىچە باھاسىنىڭ ھەر كىلوگىرامى 6.53 يۈەن بولۇپ، تۈنۈگۈنكى باھا بىلەن تەڭلەشكەن؛بېيجىڭدا تۇخۇمنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسىنىڭ ھەر كىلوگىرامى 6.40 يۈەن بولۇپ، تۈنۈگۈنكى باھا بىلەن تەڭلەشكەن

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.