قەرەرلىك مال يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى

ilkan_5 2025-11-03 10:52:50

\

تۇخۇم باھاسى چۈشتى

11-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى خەۋەرگە قارىغاندا، بۈگۈن تۇخۇم باھاسى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىگەن بولۇپ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە تۇخۇم بازىرىدا تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش بېسىمى يەنىلا مەۋجۇت بولغان. تېمپېراتۇرىنىڭ داۋاملىق تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، شىمالدىكى تۇخۇم توخۇسى ئاساسلىق بېقىلىدىغان رايونلاردىكى تۇخۇم توخۇلىرى قىش پەسلىدىكى تۇخۇم تۇغۇش كاسات مەزگىلىگە كىرىدىكەن، جەنۇبىي رايونلاردىكى تۇخۇم تۇغىدىغان ئۆي قۇشلىرىمۇ تەدرىجىي ھالدا قىش پەسلىدىكى تۇخۇم تۇغۇش كاساتلاشقان مەزگىلنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىغا كىرىدىغان بولغاچقا، تاۋار ئۆي قۇشلىرى تۇخۇمىنىڭ ئايلىق ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ سېلىشتۇرما نىسبىتى ئېشىشتىن تۆۋەنلەشكە ئۆزگەرگەن، بۇنىڭ بىلەن تەمىنلەشنىڭ پەسىل خاراكتېرلىك سەل جىددىي بولۇش زىددىيىتى تەدرىجىي گەۋدىلەنگەن. ئىستېمال ئۇچىدىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇخۇم ئىستېمال ئېھتىياجى ئومۇمىي مىقدارى ئومۇمىي جەھەتتىن داۋاملىق ئازراق ئاشقان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، 11-ئاي مەزگىلىدە كۆپ ساندىكى تاۋار تۇخۇمنىڭ بازاردىكى سودا باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن كۈچلۈك بولۇپ، داۋالغۇش يۈزلىنىشى ئاساس قىلىنىش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. بۈگۈن ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونى بولغان شەندۇڭنىڭ تۇخۇم ئوتتۇرىچە باھاسىنىڭ ھەر كىلوگىرامى5.57 يۈەن بولۇپ، تۈنۈگۈنكى باھادىن 0.03 تۆۋەنلىگەن؛ خېبېينىڭ تۇخۇم ئوتتۇرىچە باھاسىنىڭ ھەر كىلوگىرامى 5.46 يۈەن بولۇپ، تۈنۈگۈنكى باھادىن 0.26 تۆۋەنلىگەن؛ گۇاڭدۇڭنىڭ تۇخۇم ئوتتۇرىچە باھاسىنىڭ ھەر كىلوگىرامى 6.73 يۈەن بولۇپ، تۈنۈگۈنكى باھا بىلەن تەڭلەشكەن؛ بېيجىڭنىڭ تۇخۇم ئوتتۇرىچە باھاسىنىڭ ھەر كىلوگىرامى 5.90 يۈەن بولۇپ، تۈنۈگۈنكى باھادىن 0.40 تۆۋەنلىگەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.