قەرەرلىك مال يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى

ilkan_5 2025-10-29 10:59:53

\

تۇخۇم باھاسى ئازراق چۈشتى

10-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى خەۋەرگە قارىغاندا، تېمپېراتۇرىنىڭ داۋاملىق تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، شىمالدىكى تۇخۇم توخۇسى ئاساسلىق بېقىلىدىغان رايونلاردىكى تۇخۇم توخۇلىرى قىش پەسلىدىكى تۇخۇم تۇغۇشنىڭ كاسات مەزگىلىگە كىرگەن بولۇپ، جەنۇبىي رايونلاردىكى تۇخۇم تۇغىدىغان ئۆي قۇشلىرىمۇ تەدرىجىي ھالدا قىش پەسلىدىكى تۇخۇم تۇغۇش كاساتلاشقان مەزگىلنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىغا كىرىدۇ، تاۋار ئۆي قۇشلىرى تۇخۇمىنىڭ ئايلىق ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ سېلىشتۇرما نىسبىتى ئېشىشتىن تۆۋەنلەشكە ئۆزگەرگەن، بۇنىڭ بىلەن تەمىنلەش پەسىل خاراكتېرلىك سەل جىددىي بولۇش زىددىيىتى تەدرىجىي گەۋدىلەنگەن. ئىستېمال ئۇچىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆي قۇشلىرى تۇخۇمى ئىستېمال ئېھتىياجى ئومۇمىي مىقدارى ئومۇمىي جەھەتتىن داۋاملىق ئازراق ئاشقان، مۆلچەرلىنىشىچە، 11-ئايدا كۆپ ساندىكى تاۋار تۇخۇمنىڭ بازار باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن كۈچلۈك بولۇش، داۋالغۇش ۋەزىيىتىنى ئاساس قىلىش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. بۈگۈن ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونى بولغان شەندۇڭنىڭ تۇخۇم ئوتتۇرىچە باھاسىنىڭ ھەر كىلوگىرامى 5.60 يۈەن بولۇپ،تۈنۈگۈنكى باھادىن 0.19 يۈەن تۆۋەنلىگەن؛ خېبېيدا تۇخۇمنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسىنىڭ ھەر كىلوگىرامى 5.69 يۈەن بولۇپ، تۈنۈگۈنكى باھادىن 0.09 يۈەن تۆۋەنلىگەن؛ گۇاڭدۇڭدا تۇخۇمنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسىنىڭ ھەر كىلوگىرامى 6.73 يۈەن بولۇپ، تۈنۈگۈنكى باھا بىلەن تەڭلەشكەن؛ بېيجىڭدا تۇخۇمنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسىنىڭ ھەر كىلوگىرامى 6.30 يۈەن بولۇپ، تۈنۈگۈنكى باھا بىلەن تەڭلەشكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.