قەرەللىك مال يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى

ilkan_2 2025-08-08 12:55:17

\

2025-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى تۇخۇم باھاسى چۈشۈشتىن توختاپ مۇقىملاشتى

ھازىر تۇخۇمنىڭ ئامباردا بىرقەدەر كۆپ ساقلىنىپ، سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتىدىكى تۇخۇم سىجىل ئامباردىن چىقىرىلىپ، تۇخۇم توخۇسى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى كېڭىيىپ، تەمىنلەش بېسىمى ئېغىرلاشتى .ئېھتىياج جەھەتتە، تېرمىنال ئېھتىياجى سۇسلىشىپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا تۇخۇم ئىستېمالىنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان مەھسۇلاتلارنى كۆپەيتىپ، ئېھتىياجنى ئاشۇرۇۋەتتى، لېكىن مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش باشلاپ مال تەييارلىشى ۋە يېمەكلىك زاۋۇتلىرىنىڭ جۇڭچيۇ بايرىمىدا سېتىۋېلىشىنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئېھتىياجنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدىن ئۈمىد بار.مۆلچەرلىنىشىچە، يېقىنقى مەزگىلدە تۇخۇم باھاسىدا تار دائىرىدە داۋالغۇش ھالىتى كۆرۈلىدىكەن.بۈگۈن ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىلىدىغان رايونلاردىكى شەندۇڭ تۇخۇمىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر كىلوگىرامنىڭ 5.65 يۈەن بولۇپ، تۈنۈگۈنكى باھا بىلەن تەڭلەشتى، خېبېيدىكى تۇخۇمنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر كىلوگىرامىنىڭ 5.58 يۈەن بولۇپ، تۈنۈگۈنكىدىن 0.06 يۈەن ئۆسكەن؛گۇاڭدۇڭ تۇخۇمىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر كىلوگىرامىنىڭ 6.60 يۈەن بولۇپ، تۈنۈگۈنكى باھاسى بىلەن تەڭلەشتى، بېيجىڭ تۇخۇمىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر كىلوگىرامىنىڭ 6.08 يۈەن بولۇپ، تۈنۈگۈنكى باھاسى بىلەن تەڭلەشتى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.