قەرەللىك مال يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى

ilkan_2 2025-07-30 11:20:49

\

7-ئاينىڭ 30-كۈنى تۇخۇمنىڭ باھاسى مۇقىم بولدى
تېرمىنال بازىرىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلدە تېز سۈرئەتتە ئۆرلەۋاتقان تۇخۇم باھاسىنى قوبۇل قىلىش دەرىجىسى تۆۋەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرى تېمپېراتۇرا، يۇقىرى، نەم ھاۋا رايى تۇخۇمنىڭ ئوبوروتىنى چەكلەپ قويغاچقا، مال سېتىش سۈرئىتى ئاستىلاپ، سودىگەرلەرنىڭ مال ئېلىش كەيپىياتى تۆۋەنلەپ، كۆپىنچىسى ئامبار زاپىسىنى ھەزىم قىلىشنى ئاساس قىلغان، ئېھتىياج ئۇچىنىڭ ئاجىزلىقى تۇخۇم باھاسىنى تۆۋەنلەش بېسىمىغا دۇچار قىلغان.ئىستېمالنىڭ ئاۋات مەزگىلى ( ئوقۇش باشلاش پەسلى، جۇڭچيۇ بايرىمى ) يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، قىسقا مۇددەتتىن قارىغاندا، تۇخۇم باھاسىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا داۋالغۇپ تەڭشىلىشى ئاساس قىلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.بۈگۈن ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىلىدىغان رايونلاردىكى شەندۇڭ تۇخۇمىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر كىلوگىرامىنىڭ 6.37 بولۇپ، تۈنۈگۈنكى باھا بىلەن تەڭلەشتى؛خېبېيدىكى تۇخۇمنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر كىلوگىرامىنىڭ 5.98 يۈەن بولۇپ، تۈنۈگۈنكى باھا بىلەن تەڭلەشتى؛گۇاڭدۇڭ تۇخۇمىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر كىلوگىرامىنىڭ 7.20 يۈەن بولۇپ، تۈنۈگۈنكى باھاسى بىلەن تەڭلەشتى؛بېيجىڭ تۇخۇمىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر كىلوگىرامىنىڭ 6.44 يۈەن بولۇپ، تۈنۈگۈنكى باھاسى بىلەن تەڭلەشتى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.